لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

日期:2021年08月04日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يەر ئېلىش، كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش ئاساسىدا، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «يەر باشقۇرۇش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سۇندى، يېڭى قانۇن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. قانۇن-تۈزۈمنىڭ مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «نىزام»دا «يەر باشقۇرۇش قانۇنى» تۈزۈم رامكىسى ئاستىدا دىققەت يەر ئېلىش، كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر باشقۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئايلاندۇرۇش»، «ئاشلىقتىن باشقا ئىشقا ئايلاندۇرۇش» ھەم «كەنتلەر، ئولتۇراق رايونلارنى بىرلەشتۈرۈش» داۋامىدا دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزۈم چېگراسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن جاۋابكارلىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

بىرىنچىدىن، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. دۆلەتنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئالاھىدە قوغدايدىغانلىقى، تېرىلغۇ يەرنى ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى، باغ يېرى قاتارلىق باشقا يېزا ئىگىلىك يېرىگە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدىغانلىقى بەلگىلەندى. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي سۇبيېكتلارنىڭ قانۇن بويىچە يەر رەتلەشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلدى. تېرىلغۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئايلاندۇرۇش»نىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى ئاشۇرۇلدى.

ئىككىنچى، يەر ئېلىش تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يەر ئېلىشنى ئالدىن ئېلان قىلىش تۈزۈمى كۆپەيتىلىپ، ئالدىن ئېلان قىلىشنىڭ ئېلىش دائىرىسى، ئېلىش مەقسىتى، يەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن يەر تۆلەم پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق ئالاقىدار خىراجەتلەرنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. ئالاقىدار خىراجەتلەر تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن بولسا، يەر ئېلىشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ. يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ قاتنىشىش تۈزۈمى كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

ئۈچىنچى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلۈك يېرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلدى. ئۆيلۈك يەر ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن قۇرۇلۇش يېرى كۆرسەتكۈچىنى قانۇن بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلۈك يەر ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق كاپالەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى. دېھقانلارنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئۆيلۈك يەر ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش مەنئى قىلىندى؛ دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا ئۆيلۈك يەرنى مەجبۇرىي يۆتكەش مەنئى قىلىندى؛ دېھقانلارنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئۆيلۈك يېرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قايتۇرۇۋېلىش مەنئى قىلىندى؛ ئۆيلۈك يەردىن چېكىنىپ چىقىشنى دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىش شەرتى قىلىش مەنئى قىلىندى؛ دېھقانلارنى ئۆيلۈك يەردىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلاش مەنئى قىلىندى.

تۆتىنچى، كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش قېلىپلاشتۇرۇلدى. زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ھەمدە كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارمىقى زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن پىلانلاش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يەر ئىگىدارى كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى ھەقلىق بېرىش، ئىجارە بېرىش قاتارلىق لايىھەلەرنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، پارچە يەرنىڭ يەر پاسىلى، كۆلىمى، ئىشلىتىلىش ئورنى، يىرىك پىلان شەرتى، كەسىپ ئىجازىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تەلىپى، ئىشلىتىش مۇددىتى، سودا ئۇسۇلى، بازارغا كىرىش باھاسى، كوللېكتىپ پايدا تەقسىماتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق يېزىش تەلەپ قىلندى. «بازارغا كىرىپ» خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا باھا قويۇش ياكى كېلىشىم تۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يەر ئىشلەتكۈچىنى بېكىتىشتە، ئىككى تەرەپ يازما توختام تۈزۈش ھەمدە ئەنگە ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

بەشىنچى، يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلاش تەرتىپى ياخشىلاندى. گوۋۇيۈەننىڭ يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلاشقا ئالاقىدار ئىسلاھات روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەستىقلاش قاتلىمى، دەرىجىسى ئازايتىلىپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش لايىھەسى تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە تەستىقلىتىلىدىغانلىقى، «دەرىجە بويىچە» تەستىقلانمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ماتېرىيالى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى «بىر كىتاب، تۆت لايىھە» يېزا ئىگىلىك يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش لايىھەسى ۋە يەر ئېلىش ئىلتىماسى قىلىپ بىرلەشتۈرۈلدى. ئايرىم ئورۇن تاللايدىغان قۇرۇلۇش تۈرىگە يەر ئىشلىتىشنى ئالدىن تەكشۈرۈش بىلەن ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.