«پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك يول ئىزدەشتىكى ئۈلگە − جېجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خاتىرىسى»

日期:2021年08月02日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك يول ئىزدەشتىكى ئۈلگە − جېجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خاتىرىسى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى «يول ئىزدەشتىكى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۈلگە − جېجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خاتىرىسى» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ، قىزىل كېمە يولغا چىققان جاي، جۇڭگونىڭ 100 يىلدىن بۇيان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالدا باي، قۇدرەتلىك بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى؛

بۇ جاي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق قۇرۇلغان ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق يېڭى مۇساپىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۆلكە ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ جاي جېجياڭ −

تەخمىنەن 65 مىليون نوپۇسقا ئىگە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر بارلىق رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەر ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشقان ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېجياڭدىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۇدا 20 يىل ۋە 36 يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، شەھەر - يېزا كىرىمىنىڭ ھەسسىلىك پەرقى 1.96 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولى خەلقنى بېيىتىشتىن باشلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك رېئال ۋەزىپە، جەزمەن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ نىشانغا قاراپ تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىدىغان تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جېجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قايتا يولغا چىقىش. جېجياڭ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە يۇقىرى - تۆۋەننى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، لايىھە بېكىتىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، «ھەر يىلى يېڭى بۆسۈش بولۇش، بەش يىلدا زور ئىلگىرىلەش بولۇش، 15 يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش» نىشانى بويىچە پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىزدەندى، ئۈلگە بولدى...

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى ئاستا - ئاستا يېيىش − ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى باشلاش يېڭى مۇساپىسىدە، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، جېجياڭ يېڭى تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ ئۈلگە كۆرسەتمەكتە؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىدا مېڭىپ ئىزدىنىش − «سەككىز سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى ئىزچىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق بېيىشتىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، جېجياڭ تۇپرىقىدا يېڭى كەيپىيات ئۇرغۇماقتا؛ ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەش، پۇختا ئالغا سىلجىتىش − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن يول ئىزدەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلدى، جېجياڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى مۇقەررەر داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىشقا ئاشىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جېجياڭدىكى ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا بەش پارچە گۈزەل مەنزىرە نامايان بولىدۇ: يەنى ھەممە كىشى قاتناشقان، ھەر كىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەيدىغان كۈرەش مەنزىرىسى؛ ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، تەرەققىي قىلىش بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىش ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بېيىش مەنزىرىسى؛ پۈتۈن رايون بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن، ئومۇمىي خەلق بېيىغان تەكشى مەنزىرە؛ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، جەمئىيەت ئىتتىپاق، ئىجىل بولغان مەدەنىي مەنزىرە؛ ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ھېس قىلالايدىغان بەخت مەنزىرىسى. يول ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەندە يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىش گەرچە مۈشكۈل بولسىمۇ، چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغاندا جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.