سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرىدىغان سۇ ئېقىم مىقدارى بۇ يىل تۇنجى قېتىم سېكۇنتىغا 40 مىڭ كۇب مېتىر بولدى

日期:2021年07月16日
来源:新疆日报网
【字体:

يېقىندا سۈرەتكە تارتىلغان سەنشيا چوڭ توسمىسى. جېڭ كۇن فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)

خەلق تورى خەۋىرى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، توجياڭ دەرياسى، جيالىڭ دەرياسى، سەنشيا رايونى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغدى. بۇ قېتىمقى قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرگەن سۇ ئېقىم مىقدارى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 8:00دىن باشلاپ ئۆرلىدى، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00دە سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرگەن سۇئېقىم مىقدارى سېكۇنتىغا 41 مىڭ 500 كۇب مېتىر بولدى، بۇ، بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىكىرگەندىن بۇيان سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرگەن ئەڭ چوڭ سۇ ئېقىم مىقدارى ھېسابلىنىدۇ.

يېقىندا سۈرەتكە تارتىلغان چاڭجياڭ سەنشيا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى. جېڭ جيايۈ فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)

يېقىندا سۈرەتكە تارتىلغان سەنشيا چوڭ توسمىسى. جېڭ كۇن فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)

مەنبە: خەلق تورى