تۈمەن چاقىرىملىق خۇاڭخې دەرياسىدىكى بىرىنچى توسما

日期:2021年07月15日
来源:新疆日报网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى سەنمېنشيا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى خۇاڭخې دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ تۆۋەنكى بۆلىكىگە جايلاشقان، خېنەن، سەنشىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، تىزگىنلەيدىغان ئېقىن رايونىنىڭ كۆلىمى 688 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ئومۇمىي ئېقىن رايونى كۆلىمىنىڭ %91.5ىنى ئىگىلەيدۇ، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئېقىپ كېلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ %89ىنى، ئېقىپ كېلىدىغان قۇم مىقدارىنىڭ %98ىنى تىزگىنلەيدۇ.

بۇ قۇرۇلۇش 1957-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلىنىپ، 1961-يىلى پۈتكەن بولۇپ، «تۈمەن چاقىرىملىق خۇاڭخې دەرياسىدىكى بىرىنچى توسما» دەپ ئاتالغان. توسما قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈشى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئۈچ يىلدا ئىككى قېتىم يار ئېلىپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلقنى خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. سەنمېنشيا توسمىسى پۈتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 6-ئايغىچە بولغان ئامباردا سۇ ساقلاش مەزگىلىدە، خۇاڭخې دەرياسى سەنمېنشيا جىلغىسىدا بىر گۈزەل كۆل شەكىللىنىدۇ، بۇ كۆلنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 200 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سەنمېنشيا توسمىسىدىن سەنشىنىڭ رۇيچىڭدىكى دايۈدۇغىچە بولغان 120 كىلومېتىر دائىرىدىكى سۇ زۇمرەتتەك سۈزۈك، كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، خۇددى غايىۋى سامانيولىدەك كۆرۈنىدۇ. ئىككى تەرەپتىكى ياپيېشىل دەرەخلىق، تاغ ۋە سۇلار خۇددى رەسىمدەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ. (شى جيامىن فوتوسى)