توختىماي كۈرەش قىلىپ ۋەتەنگە بارلىقىنى بېغىشلاش

日期:2021年07月13日
来源:新疆日报网
【字体:

− ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈ قەھرىمانلار كوللېكتىپى، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى 760 - تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قەھرىمانلار كوللېكتىپىنى خاتىرىلەش

جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى (سابىق جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى) 760 - تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قەھرىمانلار كوللېكتىپى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چۈەن

بىپايان دېڭىز - ئوكيانغا پۈتمەس - تۈگىمەس خەزىنە يوشۇرۇنغان. دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش مۇساپىسىدە، زور بىر تۈركۈم كۈرەش قىلغۇچىلار بارلىققا كەلدى، ئۇلار باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، ئۇلار خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، قەتئىي تىز پۈكمىدى، ئۇلار پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ۋەتەنگە بارلىقىنى بېغىشلىدى. ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈ قەھرىمانلار كوللېكتىپى، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى(سابىق جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى) 760 - تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قەھرىمانلار كوللېكتىپى ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى.

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مارىئانا دېڭىز جىلغىسىدا، ئۈچ نەپەر چۆككۈ خادىمى ئولتۇرغان «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۇ ئاستىغا چۈشۈپ، 10 مىڭ 909 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ، جۇڭگونىڭ ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈسى يېڭى رېكورتىنى يارىتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتتى.

«جياۋلۇڭ» ناملىق چۆككۈدىن «شېڭخەي يۇڭشى» ناملىق چۆككۈگىچە، يەنە «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈگىچە چوڭقۇر دېڭىزغا يۈرۈش قىلدى، جۇڭگو گەرچە كېچىكىپ باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن قوغلاپ يېتىشىۋالدى. بۇنىڭ كەينىگە ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈ كوللېكتىپىنىڭ سانسىزلىغان كېچە - كۈندۈز داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى يوشۇرۇنغان، ئۇلار «ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش»تىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈلگە تىكلىدى.

ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «جياۋلۇڭ»ناملىق چۆككۈنىڭ مۇدىر لايىھەلىگۈچىسى ۋە باش چۆككۈچى، «شېڭخەي يۇڭشى» ناملىق چۆككۈنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بولغان يې سۇڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈسىنىڭ ھەربىر قېتىملىق ھالقىشىغا گۇۋاھ بولدى.

2009 - يىلىدىن باشلاپ، يې سۇڭ «جياۋلۇڭ» ناملىق چۆككۈنى ھەيدەپ نەچچە ئون قېتىم سۇ ئاستىغا چۆكتى. بىپايان دېڭىز يۈزىدە چۆككۈ بىلەن ئانا پاراخوتنىڭ «ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىش»نى باشتىن كەچۈردى؛ 5000 مېتىرلىق چوڭقۇر دېڭىزدا، مېخانىكىلىق بىلەك تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ ماي چىقىپ كېتىپ، چۆككۈ «كۆزى ئوچۇق قارىغۇ» بولۇپ قالدى؛ 7000 مېتىر كېلىدىغان دېڭىز ئاستىدا، زور مىقداردىكى چۆكۈندى ئەۋرىشكە ئېلىش سېۋىتىنى قاپلىۋېلىپ «جياۋلۇڭ» ناملىق چۆككۈنىڭ مەشغۇلات قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى ... ھەر قېتىملىق خەتەرلىك ئەھۋال ئالدىدا، ئۇ ئەزەلدىن چېكىنمەي، جۇڭگونىڭ چۆككۈ ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلىدى.

ئادەملىك ئالەم قاتنىشىغا ئوخشاش، ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈمۇ «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش» ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم باشلامچى ئالىملار قوشۇنىنى شەكىللەندۈردى. شۈ يەننەن، خې چۈنرۇڭ، خۇ جېن، ياڭ شېنشېن، ياڭ بو ... ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈ ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنىڭ دادىل تەدبىر بەلگىلەش، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، خەۋپ - خەتەردىن قورقماسلىقتەك كۈرەش قىلىش سىيماسى بار.

«فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى تاماملاش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز 100گە يېقىن پەن تەتقىقات ئورنى، ئالىي مەكتەپ، كارخانىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، 1000غا يېقىن پەن تەتقىقات خادىمى «ئىدارىسى يوق، ئىش ئورنىلا بار» ھالەتتە، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈگە بارلىق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. تىتان قېتىشمىسىدىن ياسالغان ئادەملىك شار قېپى، قاتتىق بېسىملىق لەيلىتىش كۈچى ماتېرىيالى، كونترول قىلىش سىستېمىسى، خەۋەرلىشىش سىستېمىسى ... ھەربىر تۈردىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ زاپچاسلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %96.5تىن ئاشتى.

2020 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نەنخەي دېڭىزى، غەربىي تىنچ ئوكياندىكى مارىئانا دېڭىز جىلغىسى دېڭىز تەۋەلىكىگە بېرىپ باسقۇچقا بۆلۈپ دېڭىز سىنىقى قىلىپ دەلىللەپ، جەمئىي 30 قېتىملىق چۆكۈشنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز قېتىم 10 مىڭ مېتىرنى بۆسۈپ ئۆتتى.

«تەتقىقات ۋە سىناققا قاتناشقان خادىملار نۇرغۇن تەيفېڭ بورىنىنىڭ توسقۇنلۇقىنى يېڭىپ، سانسىزلىغان دەھشەتلىك دولقۇننىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىغا يۈرۈش قىلىش بىزنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىدىغان نىشانىمىز» دېدى يې سۇڭ.

دۆلەت ئىلكىدىكى ئېغىر جابدۇقنى جان پىدالىق بىلەن قوغداش. مۇشۇنداق بىر كوللېكتىپ بار، ئۇلار نۇقتىلىق سىناق سۇپىسىنى قوغداش ئۈچۈن، ھايات - ماماتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ھاياتلىق مەردانە ناخشىسىنى ياڭراتتى. ئۇلار دەل «دەۋر ئۈلگىسى» − جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى (سابىق جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى) 760 - تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قەھرىمانلار كوللېكتىپى.

2018 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تەيفېڭ بورىنى «ۋېن بىيا» لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرى تەۋەسىدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى(سابىق جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى) 760 - تەتقىقات ئورنىغا توختىتىپ قويۇلغان دۆلەتنىڭ مەلۇم نۇقتىلىق سىناق سۇپىسىدا ئېغىر، زور خەتەر كۆرۈلدى. خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، 760 - تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چۈن قاتارلىق 17 يولداش تەيفېڭ بورىنى ۋە كۈچلۈك دولقۇن ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرانە ئاتلىنىپ، سىناق سۇپىسىنى مۇستەھكەملەش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى.

كۆزىتىش ئاپپاراتى ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەينەن خاتىرىلىدى: قارا بوران گۈركىرەپ، دېڭىز شاۋقۇنى كۆتۈرۈلدى؛ ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۈچلۈك دولقۇن شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئون نەچچە كۆلەڭگىنى يۇتۇپ، ئاق رەڭلىك بۇژغۇنلار ئىچىگە غەرق قىلدى، دولقۇن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا، بۇ كۆلەڭگىلەر يەنە قەيسەرلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى؛ چوڭ دولقۇن شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، پىرىستاندىكى يەتتە توننا ئېغىرلىقتىكى كۈرەكلىك ئېلېۋاتورنى ئىككى مېتىر يىراقلىققا سۈرۈۋەتتى! لېكىن، ھېچكىم چېكىنمىدى.

«دولقۇن ئۇرۇلغاندا بەدىنىم ناھايىتى ئاغرىپ كەتتى، كۆزۈمنى ئاچالمىدىم، شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاشمايلا، دەرھال بېرىپ، سۇپىنى كونترول قىلىپ، سۇپىدىكى كىشىلەرنى قوغداپ قېلىشنى ئويلىدىم». شۇ كۈنى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان سۈن شۈن مۇنداق دېدى: «تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چۈن ئاشۇنداق ئادەم، ئەگەر يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇ يەنىلا شۇنداق قىلىشنى تاللايتتى».

بىر چوڭ دولقۇن كېلىپ، مەشغۇلات قىلىۋاتقان خۇاڭ چۈن بىلەن جياڭ كەيبىننى دېڭىزغا غەرق قىلدى؛ قالغان كىشىلەر سۇپىدىكى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى قۇتقۇزماقچى بولدى، يەنە بىر چوڭ دولقۇن كېلىپ، يەنە بىرەيلەن سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ھەرقايسى تەرەپلەر جىددىي ياردەم بېرىپ، تۆت كىشى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇتقۇزۇۋېلىندى، ئەمما خۇاڭ چۈن، جياڭ كەيبىن ۋە سۇڭ يۆسەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

ئەزىمەتلەر ئۆز ھاياتى بەدىلىگە سۇپىنى قوغداپ قالدى.

«پەقەت كۈرەش قىلغان ھاياتلا بەختلىك ھايات ھېسابلىنىدۇ»، «بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن»، «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن» ... قەھرىمانلار ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان قول يازمىلار كىشىنىڭ كۆزىگە ياش كەلتۈرەتتى، تەسىرلەندۈرەتتى.

ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتەك ئېسىل پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش»تەك ئەسلىي مەقسىتى ۋە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سانسىزلىغان كىشىنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)