ياڭزى تىمساھىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى

日期:2021年07月09日
来源:新疆日报网
【字体:

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەنخۇي ياڭزى تىمساھى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ لاڭشى گاۋجىڭمياۋ تەۋەلىك رايونىدا، خىزمەتچى تىمساھ تۇخۇمىنى كۆرسەتمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى يېقىندا، ئەنخۇي ياڭزى تىمساھى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ياشايدىغان ياڭزى تىمساھى تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى خىزمەتچىلەر تەۋەلىكتىكى ياڭزى تىمساھىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىش ئورنىداتىمساھ تۇخۇمىنى يىغىپ، تۇخۇمنى تۇخۇمدىن چىقىرىش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇخۇمدىن چىقىرىش ئېلىپ بېرىپ، ياڭزى تىمساھى تۈر توپىنى سۈنئىي كۆپەيتىش، قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەن شۈ فوتوسى

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەنخۇي ياڭزى تىمساھى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ لاڭشى گاۋجىڭمياۋ تەۋەلىك رايونىدا، خىزمەتچى ياڭزى تىمساھى ئۇۋىسىنىڭ تېمپېراتۇراسىنى ئۆلچىمەكتە.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ياڭزى تىمساھىنىڭ بالىسى ئەنخۇي ياڭزى تىمساھى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى تۇخۇمدىن چىقىرىش مەركىزىنىڭ تىمساھ بېقىش رايونىدىكى كۆلچەكتە ئوينىماقتا.