يېڭى مۇساپىدە جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

日期:2021年07月08日
来源:新疆日报网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «100 يىلدىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دەپ كۆرسەتتى، «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

خەلق ئۈچۈن دۇنياغا كېلىش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلسۇن، مەيلى قانچىلىك زور قۇربان بەرسۇن ۋە بەدەل تۆلىسۇن، بۇ نۇقتىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشمىدى، قىلچە تەۋرەنمىدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز قارىماققا يەڭگىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ، تارىخ سەھىپىسىدە نۇر چاچىدىغان نۇرغۇن ئىنسانىيەت مۆجىزىسىنى ياراتتى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىدى، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولدى، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدى، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى. پارتىيەمىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، توختىماي كۈرەش قىلغانلىقى، چەكسىز ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن بولسىمۇ، پولاتتەك تاۋلانغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل باشتىن - ئاخىر خەلقنى «مەنبە» ۋە «ئاساس» قىلىپ، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدىندۇر. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە؛ خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندە پارتىيە ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ، ھەممىدە غەلىبە قىلالايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلق بىلەن مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولدى، ھايات - ماماتتا بىللە بولدى، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق بولۇپ، ئەزەلدىن ھەرقانداق مەنپەئەت گۇرۇھى، ھەرقانداق ھوقۇق - كۈچ تەشكىلاتى، ھەرقانداق ئىمتىياز قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلمىدى. كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش دېگەن مەسىلە بىر سىياسىي پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىنتاش. پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدىغان نەزەرىيە، پارتىيەنىڭ لۇشيەنى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدىغان لۇشيەن، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدىغان ئىش. بىر داڭلىق خەلقئارا ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتى 2020 - يىلى ئېلان قىلغان ئىشەنچ دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىش دەرىجىسى %95كە يېتىپ، زىيارەت قىلىنغان دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقانداق كىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدەك رېئاللىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالماسلىقى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى جۇڭگو خەلقىدىن ئايرىۋېتىدىغان، قارىمۇقارشى قىلىپ قويىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنىڭ ھەممىسى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ! 95 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ! 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ!

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخنى يارىتىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ۋە خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك!» پۇقرالار ئاسمان، پۇقرالار يەر. بىز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى باشتىن - ئاخىر قوبۇل قىلىپ، كۆڭلىمىزدە دائىم پۇقرالارنىڭ دەردىنى ئويلاپ، كاللىمىزدا دائىم خەلقنى بېيىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيەمىزنى مەڭگۈ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈشىمىز، ئىشلىرىمىزنى باشتىن - ئاخىر تۈگىمەس كۈچ مەنبەسىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، ئاممىدىن مەڭگۈ ئايرىلماي، ئامما بىلەن ھالاۋەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، بارنىمۇ، يوقنىمۇ تەڭ كۆرۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

«قورساقنى تويغۇزۇش»تىن «ساپ دان» يېيىشكىچە، يەنە «ئاق ئاشلىق يېگۈسى كەلسە ئاق ئاشلىق يېيىش، يەنە دائىم گۆش يېيىش»كىچە، شىمالىي شەنشىدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان نىشانىنى ئەسلىگىنىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق بايان قىلغانىدى: «بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەردە مۇنداق بىر ئىدىيەۋى ھېسسىيات بار، پۇقرالىرىمىزنى، بولۇپمۇ دېھقانلىرىمىزنى يۆلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىزم يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە ماڭىمىز!» بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، ئەمدى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ بەختلىك قىلىش كېرەك، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باغلىغان رىشتە، زىممىسىگە ئالغان بۇرچ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)