شېنجوۋ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىردى

جۇڭگولۇقلار تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بوشلۇق پونكىتىغا كىردى

日期:2021年06月18日
来源:人民网
【字体:

سۈرەتتە 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە تارتىلغان شېنجوۋ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇستەقىل تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللاشقاندىكى كۆرۈنۈشى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى


سۈرەتتە 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە تارتىلغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقىگە چاس بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەندىكى كۆرۈنۈشى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 9دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا توغرا كىرىپ، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققان. شېنجوۋ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن ئوربىتىغا كىرىش ھالىتىنى بېكىتىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان، بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 15تىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇستەقىل تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش ئەندىزىسى قوللىنىلىش ئارقىلىق، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى ئېغىزىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇدۇللىشىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇدۇللاشتۇرۇلغان تيەنجوۋ 2-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ بۆلمە (كېمە) بىرىكمە گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن، پۈتكۈل ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش جەريانى تەخمىنەن 6.5 سائەت داۋاملاشقان. بۇ، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى قويۇپ بېرىلىپ ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشى.

شېنجوۋ 12-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى بىلەن تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى مۇستەقىل تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللاشقاندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قايتىش بۆلۈمچىسىدىن ئوربىتا بۆلۈمچىسىگە كىردى. تەرتىپ بويىچە تۈرلۈك تەييارلىقلار تاماملانغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۈگۈن بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكى، يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 18دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبولار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە كىردى، بۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى پىلان بويىچە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ ئايلىق ئوربىتىدا تۇرۇش، مېخانىكىلىق يەلكە مەشغۇلاتى، بۆلۈمچىدىن چىقىش پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئوربىتىدا تۇرۇش، قايتا ھاسىل قىلىش شەكلىدىكى ھاياتلىق كاپالىتى قاتارلىق بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى دەلىللەيدۇ.