مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى مۇھىم پوزىتسىيە بىلدۈردى!

日期:2021年06月11日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەتكە ئائىت 2021-يىللىق قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قانۇن لايىھەسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئىچكى ـ تاشقى سىياسىتىگە قارا چاپلانغان، «يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىباياناتىدايەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قانۇن لايىھەسى ئاتالمىش«جۇڭگو تەھدىتى» دېگەن پەرەزگە تايانغان قاراش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە دىننى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن ئايرىۋېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭگونىئۇنىڭ ئورۇنلۇق بەھرىمەن بولىدىغان تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. ئۇ قانۇن لايىھەسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭدا ئۆزىنى قالتىس چاغلاشتەك خام خىيال بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەتنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بۇرمىلانغان. نۆۋەتتە دۇنيا داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان مۇشۇنداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونى ھەممىلا جايدا«قىياسىي دۈشمەن» دەپ قارايدىغان ئۇسۇل دۇنيانىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە خىلاپ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.

باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگەچېتىلىدىغان، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلە. ئۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئالاقىدار جايلىرىدا تەيۋەنگە ئالاقىدار ماددىلارنى كىرگۈزگەن بولۇپ،ئۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق. بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى ئامېرىكا-تەيۋەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. شىنجاڭ، شىزاڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ ئىشلىرىمۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇقى مۇقەددەس ھەم دەخلىسىزدۇر، ھەرقانداق رەزىل كۈچ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر توقۇنۇشمايدىغان، قارشىلاشمايدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. بىز ئامېرىكا پارلامېنتىنى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىشنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز.