مەملىكەت بويىچە 163 مىليون مو بۇغداي ئورۇلۇپ بولدى

日期:2021年06月11日
来源:人民网
【字体:

خۇاڭخې-خۇەيخې-خەيخې ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا بۇغداي ئورۇلغان كۆلەم يېرىمىدىن ئاشتى

مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 17 گىچە، مەملىكەت بويىچە 163 مىليون مو بۇغداي يىغىۋېلىنغان، خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې ۋادىلىرىدىكى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا بۇغداي ئورۇش كۆلىمى يېرىمىدىن ئاشقان. سىچۈەن، خۇبېيدا بۇغداي ئورمىسى ئاخىرلاشقان، ئەنخۇيدا %90، خېنەندە %70، جياڭسۇدا %50 كە يېقىن بۇغداي ئورۇۋېلىنغان.

يازلىق ئاشلىق يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن. مەملىكەت بويىچە يىغىۋېلىنغان بۇغداي كۆلىمى 163 مىليون مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنغان كۆلەم 160 مىليون مو بولغان، ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنغان كۈندىلىك كۆلەم 20 مىليون 650 مىڭ مو بولغان. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە زىرائەتلەرنى تېرىش، يىغىشنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %71 كە يەتكەن.

«ماشىنىدا يىغقاندا زىيان ئازايتىلىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش» ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. بۇغداي سارغايغان مەزگىلىدە ئورۇش كەڭ كۆلەمدە ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىشقا ماس كېلىدۇ، كومبايىندا ئورۇشتا زىياننى ئازايتىش، كومبايىندا يىغىش ئارقىلىق ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ بۇغداي، شال، كۆممىقوناقنى ماشىنىدا يىغىش سەۋىيەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %97، %94 ۋە %78 كە يېتىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كومبايىندا ئورۇشتا زىياننى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

«ئاشلىقنى يەرگە كۆمۈپ ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش» مۇساپىسى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىدا نۇقتىلىق زىرائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى ۋە مۇھىم، زور تېخنىكا لايىھەسىدىن 30دىن ئارتۇقنى ئېلان قىلىپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60 كە يەتتى.دېھقانلارنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ ساپاسى ئۆستۈرۈلدى. مەركەزلىك دەرس ئۆتۈش، ئېتىزدا ئەمەلىي مەشىق قىلىش، توردا تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك سىياسىتى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىم ۋە ماھارەت ئومۇملاشتۇرۇلدى، بۇ يىلدىن بۇيان، 200 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى ساپالىق دېھقان تەربىيەلەندى. بۇ يىل يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى بويىچە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش پىلانى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە 4000 دىن ئارتۇق ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكى ۋە 9000 دىن ئارتۇق ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يۇقۇم مۇداپىئە خادىمى قوبۇل قىلىندى.