4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزنىڭ G5 يان تېلېفون تېرمىنال ئۇلاش سانى 310 مىليونغا يەتتى

日期:2021年05月26日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، تېلېگراف كەسپىي كىرىمى جەمئىي 486 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئاشقان؛ 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسىنىڭ كۆچمە تېلېفون ئابۇنېتى 1 مىليارد 605 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 10 مىليون 840 مىڭى ساپ كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، G5 يان تېلېفون تېرمىنالىنىڭ ئۇلىنىش سانى 310 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 111 مىليونى ساپ ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇقىم كەڭ بەلباغلىق تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ كۆلىمى مۇقىم ئېشىپ، 1000 مېگابايت ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشقان. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسىنىڭ مۇقىم ئالاقە تورى كەڭ بەلبېغىغا ئۇلانغان ئابۇنىچىنىڭ ئومۇمىي سانى 501 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 17 مىليون 60 مىڭى ساپ كۆپەيگەن.