باققۇچىنى چىشلەپ ئۆلتۈرگەن ئىككى يولۋاس ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

日期:2021年05月26日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرى شىچۈەن ناھىيەسى شاڭجى بازىرى دەنجياڭ كوڭچۆ جىلغىسىدا يولۋاسنى بېقىۋاتقان باققۇچىنى بىر يولۋاس چىشلىۋېلىپ، ئىككى يولۋاس تۆمۈر قەپەستىن قېچىپ چىقىشىدەك تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بەردى. يارىلانغان باققۇچى جىيا فامىلىلىك دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىچۈەن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، ناھىيەلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى، ج خ، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئورمانچىلىق، ئوت ئۆچۈرۈش، سەھىيە ۋە شاڭجى بازىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار خادىملارنى تەشكىللەپ، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلدى، جىلغىدىكى مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر ۋە كوڭچۆ جىلغىسى ئەتراپىدىكى ئاممىنى تېزدىن تارقاقلاشتۇرۇپ چېكىندۈردى.

قەپەستىن چىققان ئىككى يولۋاس كوڭچۆ جىلغىسىدا كونترول قىلىنغان بولۇپ، كۆپ قېتىم ئالداپ تۇتۇشقا ئامال بولمىغانلىقتىن، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەق مەيدان ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماققا تەستىقلىتىلغاندىن كېيىن، سائەت 14 تىن 20 مىنۇت ۋە 15 تىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى يولۋاس ئىلگىرى - كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى بىكار قىلىندى.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئىككى يولۋاس ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم سېرك ئۆمىكىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، كوڭچۆ جىلغىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئويۇن قويغان، تىجارەت كىنىشكىسى ۋە بېقىش، كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەر بار ئىكەن. نۆۋەتتە ئالاقىدار نىزام ۋە تەرتىپ بويىچە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.