جۇڭگو بىناكارلىق پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چياڭ پارتىيەدىن قوغلاندى

日期:2021年05月26日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى جۇڭگو بىناكارلىق پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چياڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خۇاڭ چياڭنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر، دۆلەت كارخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ تۇرۇغلۇق پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولماي، ساختا ئەھۋال بىلەن تەمىنلەپ، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ پاكىتلارنى يوشۇرۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى؛ يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بازارغا سېلىنمىغان شىركەتنىڭ پېيىنى باشقىلار ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئىلكىدە تۇتقانلىقى؛ كارخانىلارنىڭ چوڭ - چوڭ مەبلەغ سېلىش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەش جەريانىدا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەبلەغ سېلىنغان تۈرلەردە غايەت زور زىيان پەيدا قىلىشتا ئاساسلىق رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بارلىقى؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ مال - پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.