مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 4- ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 6926 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

日期:2021年05月26日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 25- ماي مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 4- ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 6926 سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 9942 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، 6410 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى. پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت- نازارەت دەرىجىلىك كادىردىن 34ى، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 438ى، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىردىن 5938ى بار.

شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا تەۋە مەسىلىلەردە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قىل دېگەننى قىلماي، قىلما دېگەننى قىلىپ ياكى كۆپ ئىپادە بىلدۈرۈپ داۋراڭ سېلىپ، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن ئايرىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان مەسىلىدىن 144ى؛ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، ئىشنى ساختا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 2569ى؛ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش، سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، ئۆكتەملىك قىلىش، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇش مەسىلىسىدىن 240ى؛ ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى قايتا باش كۆتۈرۈش، ھۆججەت ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىدا راستچىل، دۇرۇس بولماسلىق، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا ئېغىر يۈك پەيدا قىلىش مەسىلىسىدىن 44ى؛ باشقا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 318 ى بار بولغان.

راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە تەۋە مەسىلىلەردە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق، ئالاھىدە مەھسۇلات تۈرىدىكى سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىش - يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 58ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇلى ۋە باشقا سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىش - يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 1079ى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش مەسىلىسىدىن 406ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى قاتارلىقلارنىڭ زىياپىتىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدىن 286ى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي - تۆكۈن ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 238ى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسىدىن 770ى؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى قاتارلىقلارنىڭ ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدىن 201ى؛ باشقا راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسىدىن 573 ى بار.