بۇ ھېسابات چوقۇم ئېنىق بولىدۇ!

日期:2021年05月26日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-چېسلا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بەزى مۇخبىرلار سورىدى: كورېيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەتقىقات يۇرتى ئالدىنقى ھەپتە «فۇكۇشىما يادرو بۇلغىما سۈيىنى قويۇپ بېرىشكە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى» ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى يادرودىن بۇلغانغان سۇ تەركىبىنىڭ ئىلمىي چۈشەندۈرۈلۈشى بىلەن تەمىنلىمىدى، پەقەت ئاغزاكى «بىخەتەر»لىككە كاپالەت بېرىپ، مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىش پوزىتسىيەسىدە بولمىدى. كورېيەلىك تورداشلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياپونىيە تەرەپنىڭ «بالىلىرىمىزنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان» يادرو بۇلغىنىشىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ جاۋ لىجيەن مۇنداق جاۋاب بەردى: فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسىگە ئون يىل بولدى. بىز ياپونىيە تەرەپنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنىڭ ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى كۈتەلمىدۇق، ئەمما ياپونىيە تەرەپنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىدىن ئىبارەت بىر تەرەپلىمە خاتا قارارىنى كۆردۇق. بىز فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسىگە مەسئۇل توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئاپەتتىن ساۋاق ئالغانلىقىنى كۆرمىدۇق، ئەمما تاراتقۇلارنىڭ توكيو ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ يادرو ئېلېكتىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق، يوشۇرغانلىق، يالغان مەلۇم قىلغان ۋە ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىۋەتكەن رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىغانلىقىنى كۆردۇق. ياپونىيە تەرەپ فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا دۆلەت ئىچىدىكى ئامما ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە كەينى - كەينىدىن لەۋزىدە تۇرمىدى، بىز ئۇنىڭ ئاتالمىش بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى دەپ جاكارىلىغان مۇۋاپىقلىقى ۋە ئىلمىيلىكى، شۇنداقلا تەمىنلىگەن ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقى، ئىشەنچلىكلىكى توغرىسىدا چوڭ بىر سوئال بەلگىسى قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق.

ياپونىيە تەرەپنىڭ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش ئۈچۈن چىقارغان خەتەرلىك قارارى ئەۋلادلار ۋە يەر شارى ئېكولوگىيەسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بۇ ھېساباتنى ياپونىيە تەرەپ ھېسابلاپ بېرەلمىسە، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ھېسابلاپ بېرىدۇ، ئەگەر ياپونىيە تەرەپ چۈشەنچىدە خۇپسەنلىك قىلسا، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم قوشۇلمايدۇ. ياپونىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ فۇكۇشىما يادرو بۇلغىنىشى مەسىلىسىدە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، مەنپەئەتدار تەرەپ ۋە ئالاقىدار خەلقئارا ئاپپاراتلار بىلەن كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا يولغا قايتىپ كېلىشى كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇۋېتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.