«جۇڭگونىڭ سۈرئىتى كىشىلەرنىڭ كۆزلىمىسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن»

日期:2021年06月02日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ۋالسترېت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 28-مايدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا. جۇڭگونىڭ ھەر كۈنلۈك ۋاكسىنا ئەملەش مىقدارى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر كۈنلۈك ۋاكسىنا ئەملەش مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن. ئەگەر مۇشۇنداق سۈرئەتنى ساقلاپ ماڭسا، جۇڭگونىڭ سۈرئىتى كىشىلەرنىڭ ئاسىيا ۋە دۇنيا بازارلىرىنىڭ قايتا جانلىنىش سۈرئىتىگە بولغان مۆلچىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بىر كۈن ئىچىدە، جۇڭگو تەخمىنەن 20 مىليون قېتىم ۋاكسىنا ئەملىگەن. ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە، ۋاكسىنا ئەملەش سۈرئىتى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيەدە كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەشنى باشلىغاندىن كېيىنكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكى سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتكەن.خەۋەردە مۇنداق دەپ قارالغان: ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ۋاكسىنا ئەملەش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشى، ئېقتىسادىي ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى تىزلەتتى.

تايلاندتىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئادەتتە ئومۇمىي ساياھەتچىلەر سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. چىگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تايلاندنىڭ GDP سىگە (يەنى ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە) قوشقان تۆھپىسى %10تىن ئاشتى. گەرچە بۇ يىل چېگرانى ئۈنۈملۈك ئېچىۋېتىش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، بۇ ئمكانىيەتنى 2022ـ يىلغا سۈرۈشمۇ ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، كېشىڭ شىركىتى ۋە دۆلەت دورىگەرلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۇنيادىكى ۋاكسىنا ئەملەشنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، شۇڭا، بۇ بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولىدۇ.