پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى «نازارەت قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش بۇيرۇقى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

日期:2021年06月02日
来源:人民网
【字体:

قوغداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش كېرەك6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى قانۇن» دېيىلىدۇ) رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. «ئىككى قانۇن»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىشتە «نازارەت قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش بۇيرۇقى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى نازارەتچىلىكى ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتە، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىدىكى جەمئىي 127 مىڭ كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 171 مىڭ كىشىنى ئەيىبلىگەن. 2020-يىلى، تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى 4338 قېتىم قۇتقۇزۇپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەن، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.6 ھەسسە ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قايتا-قايتا گەپ سوراش ئارقىلىق ئاسانلا «ئىككىنچى قېتىم زەخىملەندۈرۈش» كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تەپتىش ئورگانلىرى دەلىل-ئىسپات ئېلىش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان «بىر جايدا» دېلو بېجىرىش رايونىدىن 1029نى قۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئىككى قانۇن»دا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش دېلولىرىنى مەجبۇرىي دوكلات قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن قويۇق ئۇچرىشىدىغان ساھەلەردە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئىشقا چۈشۈشىنى سۈرۈشتۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى تۈزۈم-مېخانىزم قانۇن بەلگىلىمىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9-تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى فېڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى قانۇن» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي دوكلات قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىشقا چۈشۈشنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قانۇننىڭ قاتتىق بەلگىلىمىسىگە ئايلىنىپ، كەم-كۈتىسىز ئىجرا قىلىنىشى شەرت. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىدا بىر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈش سۇبيېكتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن قويۇق ئۇچرىشىدىغان بارلىق ئورۇنلارغا كېڭەيتىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈش ئۇچۇرى جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش، خورلاش، ئالداپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگىچە كېڭەيتىلدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش ئاساسىدا، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش، خورلاش، ئالداپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە دائىر ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىشقا چۈشۈشىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىدا يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ، «ئاممىۋى مەنپەئەتىگە چېتىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى قىلىشقا ھوقۇقلۇق» دەپ بەلگىلەندى، بۇ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئېنىق قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى دېلوسىدىن جەمئىي 2032نى بېجىرگەن، دەۋادىن ئىلگىرىكى تەپتىش تەكلىپى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان دېلو 1987 بولۇپ، %98.7نى ئىگىلىگەن. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9-تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى شى ۋېيجۇڭ مۇنداق قارىدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى ساھە ۋە نازارەت ئوبيېكتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتەك كۆپ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە، تەپتىش ئورگانلىرى «ئاممىۋى مەنپەئەت»تىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلىشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇش قاتارلىق قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسىنى قانات يايدۇردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جىنايەتكە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەپ تەسىرلەندۈرۈپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ ئالاھىدە تەرتىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى چوڭ بولمىغان، جىنايى قىلمىشى يېنىكرەك بولغان تۇنجى جىنايەت، تاسادىپىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى «ئاز تۇتۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەۋا قىلىپ»، قانۇن بويىچە كەڭچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، تەپتىش ئورگانلىرى 47 مىڭ كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى، 28 مىڭ كىشىنى ئەيىبلەشنى كەچۈرۈم قىلغان؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايىتى ئېغىرلىرىغا قانۇن بويىچە تەنبىھ بېرىپ، كەڭچىلىك قىلغان لېكىن يول قويمىغان، جىنايەتكە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەن 84 مىڭ كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 116 مىڭ كىشىنى ئەيىبلىگەن. شى ۋېيجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەپتىش ئورگانلىرى مەخسۇس تەربىيە يېتەكچىلىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، مەخسۇس مەكتەپلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناچار قىلمىش، ئېغىر ناچار قىلمىش، قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ تەربىيە بېرىش-تۈزەش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.