«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

日期:2021年06月01日
来源:人民网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1-ئىيۇن نەشردىن چىققان 11-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «تۆت تارىخنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى مەڭگۈ زىممىمىزگە ئالايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە تارىخىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا غايە-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، بۇرچنى مەڭگۈ زىممىسىگە ئېلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ قائىدىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قىلالايدىغانلىقى»، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «بولىدىغانلىقى»، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكى قاتارلىق ئاساسىي قائىدىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە تۆھپە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ھېكايىسى، ئىنقىلاب ھېكايىسى، قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى تىرىشىپ ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.