1-پەسىلدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە ئومۇمىي لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97.2 بولدى

日期:2021年05月31日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ 2021-يىللىق 1-پەسىللىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈش (خەۋپ-خەتەرنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش) نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە كۆكتات، چارۋا-ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈردىكى 81 خىل،127 تۈرلۈك پارامېتىردىن 6970ى ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97.2 بولغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى 1-پەسىلدە دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، 31 ئۆلكە ۋە پىلانى ئايرىم چۈشۈرۈلىدىغان بەش شەھەردىن جەمئىي 109 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 635 كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، 414 كۆكتات توشۇش ئاپتوموبىلى، 255 قۇشخانىسى، 153 باقمىچىلىق مەيدانى، 501 سۇ مەھسۇلاتلىرى توشۇش ئاپتوموبىلى ياكى ۋاقىتلىق بېقىش كۆلچىكى، 633 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش (دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى) بازىرى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆكتات، چارۋا-ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %96.7، %98.2 ۋە %96.7 بولغان، چەكلەنگەن دورىلارنى كونترول قىلىش داۋاملىق ياخشىلانغان.

ئۆلچەپ تەكشۈرۈلگەن سورتلاردىن قارىغاندا، ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن كۆكتاتلار ئىچىدە كاپۇستا، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، سۇ كۆكتاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك بولغان، يىلتىزى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلار، پىدىگەن، يېسىۋېلەك، كاۋا تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %98.8، %98.6، %98.5، %98.3 بولغان. ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن چارۋا-ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە كالا گۆشى، قوي گۆشى، ئۆي قۇشلىرى گۆشى، تۇخۇمنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %98.3، %99.4، %98.7 ۋە %95.6 بولغان. ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن كۆپ مىقدارلىق باقمىچىلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، تىلاپىيە بېلىقى ۋە لاققا بېلىقنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك بولغان،چىپارسۇختا بېلىق، پراۋن ۋە كارپ بېلىقىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %99.3، %98.6 ۋە %98.5 بولغان. جاڭدۇ، كۈدە،ياپىلاق بېلىق قاتارلىق سورتلاردىكى ئادەتتىكى دورىلارنىڭ قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان، تۇخۇمدا توخۇ تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلىدە دورا ئىشلىتىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا مەسىلىلەرساقلانغان.

نۆۋەتتە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى كۆزىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى جايلارغا ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قاراتمىلىقھالدا نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «چەكلەنگەن دورىلارنى تۈگىتىش، دورا قالدۇقىنى تىزگىنلەش، سۈپەتنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىدى.