يۈەن لۇڭپىڭنىڭ جەسىتىنى ئۇزىتىش مۇراسىمى خۇنەن چاڭشادا ئۆتكۈزۈلدى

日期:2021年05月25日
来源:人民网
【字体:

سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، يۈەن لۇڭپىڭنىڭ جەسىتىنى ئۇزىتىش مۇراسىمى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى مىڭياڭشەن دەپنە ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق يېزا ئىگىلىك ئالىمى، ئېلىمىزنىڭ شالغۇت شال ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسى ۋە رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت شالغۇت شال قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يولداش يۈەن لۇڭپىڭ كېسەل سەۋەبىدىن 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چاڭشادا 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.