چوڭ يېزا ئىگىلىكىدە كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ

日期:2021年05月25日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يېزا نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى −− 2010-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېزا نوپۇسىدىن 164 مىليون 360 مىڭ كىشى ئازايدى؛ يېزا-كەنتلەردىكى 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى شەھەر-بازارلارنىڭكىدىن 7.99 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى كىم ئارقىلىق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؟ يېزا نوپۇسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئازىيىشى بىلەن ياشانغانلار نوپۇسى نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدەك چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، چوڭ يېزا ئىگىلىكى ھەقىقەتەن كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟ ئالدىمىزدا تۇرغان بۇ رېئال مەسىلىلەر ھەقىقەتەن مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى سانى ئېلىمىزدىكى 207 مىليون يېزا ئىگىلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ %98 ىنى، كەسىپكارلىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپكارلىرىنىڭ %90 ىنى، تىجارەت كۆلىمى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ. مەيلى ئىلگىرى ياكى ھازىر بولسۇن، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى باشتىن-ئاخىر يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇپ كەلدى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كۆلەمگە موھتاج، لېكىن ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، يەرنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ئالاھىدىلىك قىلغان كۆلەملىك ئىگىلىكنى قارىغۇلارچە يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا، مەركەزنىڭ ھۆججىتىدە «مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭدا «مۇۋاپىق» دېگەن سۆز ناھايىتى مۇھىم. بىزنىڭ جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىمىز شۇكى، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى كۆپ ھەم ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

يېزا يەر ئوبوروتىنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر پەقەت ئۈنۈمىگىلا ئەھمىيەت بېرىلسە، ئۇنداقتا سودا-سانائەت كاپىتالىنى كەڭ كۆلەمدە كىرگۈزۈش كېرەك، تىجارەت كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، بۇنداق بولغاندا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىنى ناھايىتى تېزلا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بىراق، ئەگەر غوجايىنلار يۇرتداشلارنىڭ ئورنىنى كۆپلەپ ئالسا، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. يېڭى باسقۇچتا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ چېتىلىدىغان مەنپەئەت سۇبيېكتى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى چوڭ بولىدۇ. يېتەرلىك تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاش لازىم، بىر مەھەللىك ئالدىراپ كېتىشكە، بىر ئىشقا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

بىر تەرەپتىن، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىگە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، يېڭىچە سۇبيېكتلارنىڭ دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى بولۇپ يېتىلىشىنى قوللاش، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ھەقىقىي تۈردە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى ھەمكارلىق پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىگە تولۇقلىما بېرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسەتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تولۇقلىما بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاش، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيەسىنى ئېچىشقا قاتنىشىشقا، خەلقنى بېيىتىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.