جۇڭگو سوتسىيالىزمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى

日期:2021年06月09日
来源:新疆日报网
【字体:

□ شۈەنيەن

ئەنگلىيە لوندون، بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيى، مورنىڭ 1516 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئوتوپىيە» ناملىق كىتابى كۆرگەزمە ئىشكاپىدا تىپتىنچ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ مۇزېينىڭ كىتاب ئوقۇش ئۆيىدىكى پولدا بىر ئۇلۇغ زاتنىڭ چوڭقۇر ئاياغ ئىزى قالغانىدى. بۇ كىشى دەل ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلغان ماركس بولۇپ، ئۇ سوتسىيالىزمنى خىيالدىن پەنگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق دۇنياغا كەڭ كۆلەمدە ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداقلا جۇڭگونى كەڭ كۆلەمدە ۋە چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

جۇڭگو بېيجىڭ، خەلق سارىيى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا دۇنياغا مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ غەلىبە − 500 يىللىق تارىخقا ئىگە سوتسىيالىزم تەشەببۇسىنى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتتە يۈكسەك رېئاللىق ۋە مۇمكىنچىلىككە ئىگە توغرا يولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21 - ئەسىردىكى يېڭى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

شىددەتلىك ئېقىن نەچچە يۈز يىل ئۆركەشلەپ ئاقتى. ئىلگىرى ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن بولساقمۇ، بۈگۈنكى كۈندە روھىمىز ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ. ئىلمىي ھەقىقەت ۋە يۈكسەك غايىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو زېمىنىدا غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، بىز چەكسىز قەيسەر بولدۇق، سوتسىيالىزم جۇڭگونىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا، ئېتىقاد نۇرى كۈچلۈك جۇلالاندى، ئۇلۇغ ئىش ياشلىق باھارنى ئۇرغۇتتى، بىز شۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىزكى، جۇڭگو سوتسىيالىزمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى!

(1)

جياڭسۇ چاڭجوۋدىكى چۈ چيۇبەي خاتىرە سارىيىغا كىرگەندە، «مەن ھەمىشە كۆپچىلىككە پارلاق يول ئېچىپ بېرىشنى ئويلايمەن» دېگەن قەسەم سۆزى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ قەتئىي يول ئىزدىگۈچى، باتۇر، قورقماس يول ئاچقۇچى تۈرلۈك سىناق، قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەر ئالدىدا، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك قەيسەرلىكى، جىڭۋېينىڭ دېڭىزنى تىندۇرۇشىدەك ئۆزىنى بېغىشلىشى ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ خەتەرلىك ئەمما سەلتەنەتلىك، جاپا - مۇشەققەتلىك ئەمما پارلاق جۇڭگو يولىدا ماڭدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى پارتىيە ۋە خەلق 100 يىل كۈرەش قىلىش، ئىجاد قىلىش، جۇغلاشتىن ھاسىل بولغان تۈپ مۇۋەپپەقىيەت، جۇڭگونى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان داغدام يول.

بۇ، تارىخ ئېقىمىدا مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان، جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتىدىغان كۈرەش يولى. «قاتمۇقات تاغلار، ئەگىم - ئەگىم دەريا - ئېقىنلاردا يول تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەش»تىن ئىبارەت تېڭىرقاش، ھارغىنلىق ئىچىدە قالغاندا، ماركسىزم جۇڭگوغا «پارلاق ئىستىقبال» ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم «ئوق»ى ئارقىلىق جۇڭگودىن ئىبارەت «نىشان»نى قارىغا ئېلىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇردى. «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب يولىنى ئېچىپ، يېڭى جۇڭگونى قۇردى. ھەم نامرات، ھەم قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بىز يېپيېڭى سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردۇق ھەم ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدۇق، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئازاد قىلدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق. مىللەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ كەتكەن داۋالغۇش ئالدىدا، بىز غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى بېكىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلىدۇق.

بۇ، خەلقنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىدىغان، خەلق رايىنى مايىل قىلىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەسلىي مەقسەت يولى. «خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا، ئەمەل قىلغىنى بولسا خەلقنىڭ رايى، بۇنىڭدىكى مەقسەت خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.» نەچچە ئەۋلاد كوممۇنىستلار خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، ياشلىق باھارى ۋە ھاياتى، ئىسسىق قېنى ۋە ئەجرىنى بۇ سۆيۈملۈك زېمىنغا سىڭدۈردى. «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ!» بەخت نۇرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى يورۇتۇش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 255 مىڭ خىزمەت ئەترىتى بىرىنچى سەپكە يۈرۈش قىلدى، 2 مىليونغا يېقىن يېزا - بازار كادىرى، نەچچە مىليون كەنت كادىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن جاسارەتلىك جەڭ قىلدى، سەككىز يىلدا يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلار قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. بۇ، پارتىيە، خەلق، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنىڭ تولۇق گەۋدىلىنىشى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالغان دۆلەتتە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ئىجادىيەت يولى. زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىي ئېقىمى، شۇنداقلا ماركسىزم پېشۋالىرىنىڭ غايىۋى جەمئىيەتكە باغلىغان ئۈمىدى. سانائەت ئىنقىلابى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان جۇڭگو ئاتالمىش «ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دۆلەت»تىن باشقىلار خالىغانچە تالان - تاراج قىلىدىغان «لوق گۆش»كە ئايلىنىپ قالدى. يەن فۇ يازغان «يۈەن چياڭ» «پى خەن»، گو سۇڭتاۋ يازغان «غەربكە ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى»، سۈن جۇڭشەن يازغان «دۆلەت قۇرۇش تەدبىرى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زامانىۋىلىشىشقا بولغان ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ دەلىلى ئىدى. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىنلا، جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمنىڭ ئاپەت يىلتىزى تۈپتىن يوقىتىلىپ، ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۈستقۇرۇلمىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى تۈپ ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلەندى. «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» نىشانىدىن «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىگىچە، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقىچە... پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، نەچچە ئون يىلدا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپلا قالماي، يەنە ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى ماسلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتەك جۇڭگوچە زامانىۋىلىشىشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زامانىۋىلاشقان يېپيېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ، باشتىن - ئاخىر ئىنقىلاب روھىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تاۋلىنىش يولى. لېنىن مۇنداق كۆرسەتكەن: «پىرولېتارىياتنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە تەشكىلدىن باشقا قورالى يوق.» ئىلگىرىكى «قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن» جۇڭگونى ئۇيۇشتۇرۇشتا، غايىلىك، ئىنتىزامچان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەگە تايانماي بولمايتتى؛ ئۇلۇغۋار نىشان، جاپالىق ۋەزىپە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقى، ئىجادچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىماي بولمايتتى. گۇتيەن يىغىنى، زۇنيى يىغىنى، يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىش، «ئىككى جەزمەن»، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ۋە يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش... ھەر قېتىم مۇھىم، زور پەيتكە دۇچ كەلگەندە، پارتىيە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، خەلقنى باشلاپ قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشى ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. «بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك.» يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن ئىشلارنىڭ دائىم ياشناپ تۇرىدىغان ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «تارىخىي دەۋرىيلىك»تىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەسىر سوئالىغا جاۋاب بەردى!

2021 - يىلى 3 - ئايدا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى گېننادى ديۇكانوۋ «ھەقىقەت گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى سوتسىيالىزمنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى ھەرگىزمۇ كوممۇنىزمغا قارشى ھەر خىل يولدىكىلەر دېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان <ئوتوپىيە سوتسىيالىزم پىلانىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى> ئەمەس... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ دەۋرنىڭ بارلىق خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش توغرا يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىقتىدارى بار».

جۇڭگو پولاتتەك پاكىت بىلەن شۇنى جاكارلايدۇكى: تارىخ ئاخىرلاشمىدى ھەم ئاخىرلاشمايدۇ، سوتسىيالىزمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئىستىقبالى چەكسىز! جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى توغرا، راۋان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ!

(2)

ماركسىزم جاھانغا ھەقىقەتنىڭ چوغىنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۇ ھەقىقەتكە خاتىمە بەرمىدى، بەلكى ھەقىقەت كىتابىنىڭ تۇنجى بېتىنى ئاچتى. جۇڭگو جانلىق، مول بولغان نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىلمىي سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ زور ئەسەردە ئۆزىگە تەۋە ئۆچمەس سەھىپىنى پۈتتى.

− چىڭ ساقلاش: جۇڭگو ئەزەلدىن ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدىن چەتنىمىدى

ئىلگىرى ماركس، ئېنگېلس كەلگۈسى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئىلمىي پەرەز قىلغان ۋە تەسەۋۋۇر قىلغان. مەسىلەن، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈپ مەقسىتى؛ جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىشىغا قارىتا پىلانلىق يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەڭشەش، تەڭ مىقداردىكى ئەمگەككە تەڭ مىقداردا مەھسۇلات ئالىدىغان ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇش؛ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماس ھالدا تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش... مانا بۇلار ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈرگەن.

100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق يىللاردا، مەيلى ئاجىز ۋاقتىدا بولسۇن ياكى كۈچەيگەن ۋاقتىدا بولسۇن، مەيلى يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدە تۇرغاندا بولسۇن ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان مەزگىلدە بولسۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمىدى. بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق؛ خەلق دېموكراتىيە دىكتاتورلۇقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇردۇق؛ ئەمگەك شەرەپلىك، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك تەقسىمات پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق؛ ئادەمنىڭ قىممىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردۇق... بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى نامايان قىلدى، سوتسىيالىزمنىڭ گېن قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇردى.

− تەرەققىيات: جۇڭگو ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى

«ماركسنىڭ پۈتكۈل دۇنيا قارىشى تېئولوگىيە بولماستىن بەلكى ئۇسۇل. ئۇنىڭ تەمىنلىگىنى تەييار دوگما نەرسىلەر بولماستىن، بەلكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە بۇ خىل تەتقىقاتتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇل.» ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرغاندىلا ئاندىن ماركسىزمدا چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ، مانا بۇ تارىخىي دىيالېكتىكا.

100 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ھەقىقەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ بىرلىكىدە، روھنى يېتىلدۈرۈپ ئاساسنى پۇختىلاش ۋە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىلغان مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلىمىي نەزەرىيە ئارقىلىق «جۇڭگو نەگە بارىدۇ، سوتسىيالىزم نەگە بارىدۇ» دېگەن تارىخىي تېمىغا، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بەردى. جۇڭگو زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ ئىدىيە نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆزگەرتمەكتە، سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت پەلەككە يەتكەن چوڭ دەرەخ دۇنيانىڭ شەرقىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باراقسانلىماقتا.

− يول باشلاش: جۇڭگوغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقىنى، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقىنى ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى

«پەلسەپە پىرولېتارىياتنى ئۆزىنىڭ ماددىي قورالى قىلغان. ئوخشاشلا، پىرولېتارىياتمۇ پەلسەپەنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى قورالى قىلغان.» رېئاللىقنىڭ بۇ قىرغىقىدىن ئارزۇنىڭ ئۇ قىرغىقىغا يەتكۈچە، مۇقەررەرلىك ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە يەتكۈچە جەزمەن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئېچىپ بېرىدىغان، تارىخىي چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىدىغان، دەۋر ساداسىغا جاۋاب بېرىدىغان ئىلمىي نەزەرىيەگە تايىنىش كېرەك.

شىددەتلىك ئېقىن 100 يىل ئۆركەشلەپ ئاقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، ھازىرقى دۇنيادا داۋالغۇش - ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تارىخىي جۇغلانما، غايىسىدە چىڭ تۇرۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك باتۇرلۇقى، ئىرادىسىگە تايىنىپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتنىڭ يېڭى ئىنقىلابىنى، ئىدىيەنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو روھى، دەۋر جەۋھىرى سىڭگەن مول نەتىجە − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەكۈنلەپ چىقتى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» «خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش» «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش» «بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش» «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش» «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»... بۇ مول ئىجادىي قاراشقا ئىگە ئىدىيەلەر، قاراشلار ۋە ھۆكۈملەر ماركسىزمغا قوشۇلغان ئەسلىي ئىجادىيەتلىك، دەۋر خاراكتېرلىك تۆھپە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنى روشەن جۇڭگو خاسلىقى، مىللەت خاسلىقى، دەۋر خاسلىقىغا ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى بىر تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، ئىلمىي سوتسىيالىزمنى كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچى، چاقىرىق قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت نۇرىنى قويۇپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

(3)

مورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «ئوتۇپىيە»دىن كامپانېللانىڭ كىتابىدىكى «قۇياش شەھىرى»گىچە، مورېللىي مىڭبىر جاپادا يېزىپ چىققان «تەبىئەت قانۇن دەستۇرى»دىن ئوۋېن ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن «يېڭى ئىناق كوممۇنا»غىچە، ئاران 72 كۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان پارىژ كوممۇناسىدىن دۇنيادىكى تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىغىچە، ئىنسانلارنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتى ۋە تۈزۈم فورماتسىيەسىگە بولغان ئىزدىنىشى ئەزەلدىن توختاپ باقمىدى. جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدىكى تۈزۈم ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىيىتى ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، سوتسىيالىزم پىرىنسىپىنى نامايان قىلىدىغان تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىنتىلىش قىلدى. مەيلى ئۆزئارا ياردەملىشىش - ھەمكارلىشىش ھەرىكىتى بولسۇن ياكى ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى بولسۇن، مەيلى «3:3 تۈزۈمى» ياكى «پۇرچاق تاشلاپ سايلاش ئۇسۇلى» بولسۇن، ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇ ئەمەلىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئامىللىرى ۋە قىممەت قارىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېڭىچە دۆلەت تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ بەردى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈم نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمىنى ھەم ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ھەم جۇڭگونىڭ ئالاھىدە دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلدۇق. سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈملەر تەدرىجىي ئورنىتىلىپ تاكامۇللاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۈزۈم مەسىلىسى تېخىمۇ نېگىزلىك، پۈتۈن ۋەزىيەتلىك، مۇقىم، ئۇزاق مۇددەتلىك خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ.» «پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلغان تۈزۈملا ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ، ئەڭ ئەسقاتىدۇ».

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، بىز دىققەتنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاساسىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، پارتىيە ۋە دۆلەت تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» كەڭ ئېچىلدى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق قۇرۇلتىيى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى قاتارلىق تۈپ تۈزۈملەردىن سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمى، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمگىچە، يەنە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش، تىرەك بولۇش خاراكتېرىدىكى مۇھىم تۈزۈملەرگىچە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ قاتلاملىرى ئېنىق، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، تۈرلۈك تۈزۈملەر تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، تېخىمۇ تۇراقلىشىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش داۋامىدا غايەت زور تۈزۈم ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈنسېرى نامايان قىلماقتا.

كىرىزىس − تۈزۈمنىڭ سىنتېشى. 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي يۇقۇمنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ھاياتلىقنى قۇتقۇزدى، پەقەت ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپلا ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىگە ئېرىشتى، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان ۋاكسىنىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بېسىم غايەت زور بولغان ئەھۋالدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو سۈرئىتى، جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ ئارقىسىدا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتەك تۈزۈم ئەۋزەللىكى، دۇنيا خەلقىنىڭ ئامانلىقى، بەخت - سائادىتىنى كۆڭۈلگە پۈكۈشتەك ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھ بار!

گېرمانىيەلىك سىياسىيون ئېگون كرېنز مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگونىڭ بۇ مەيدان يەر شارىۋى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش شەكلى ۋە ئۇسۇلى سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ كونا رېتسېپى ئاللىقاچان قارشى ئېلىنمايدىغان بولدى، ئېغىرلىق مەركىزى يۆتكىلىۋاتىدۇ. ئارگېنتىنالىق ئالىم مارسېلو رودرىگۇئېز مۇنداق يازدى: بۇ مەيدان كىرىزىس ئىككى خىل ئىدىيە ئارىسىدىكى رىقابەتنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى، بۇنىڭ بىرى كاپىتالىزم بولۇپ، بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاۋارلاشتۇرۇپ، ئىستېمالئىزم، شەخسىيەتچىلىك، ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە سوتسىيال دارۋىنىزمنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ يەنە بىرى سوتسىيالىزم بولۇپ، بازاردا سودىلاشقىلى بولىدىغان تاۋارلارنى ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، مىسلىسىز ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تۈزۈم مەدەنىيلىكى ۋە سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا بىر ئابىدە تىكلىدى.

(4)

«مەدەنىيەت ئىشەنچى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى تېخىمۇ نېگىزلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچ - قۇدرەت.» ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتتە تاۋلانغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتقان... 100 يىللىق مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىغا سىڭىشىپ كەتتى، ئۇ يۈز مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ مەنىۋى خاراكتېرىنى ھەر ۋاقىت ياراتماقتا.

ئۇزاق داۋاملاشقان مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ئۇنىڭ گېنى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇشىيۈەنگە كېلىپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەگەر جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى بولمىسا، نەدىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولسۇن؟ ئەگەر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىمىز بولسۇن؟» 5000 يىللىق مەدەنىيلىكنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈپ، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى پارتىيەمىزنى ئېگىلمەس - سۇنماس قەيسەرلىك ۋە چىدامچانلىققا ئىگە قىلدى؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس خىسلىتى ۋە خاراكتېرى پارتىيەمىزنى ئاددىي - ساددا، قەيسەر، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان قىممەتلىك پەزىلەتكە ئىگە قىلدى؛ خۇاشيا ئەجدادلىرىنىڭ دۇنيا بۈيۈك بىرلىكىگە بولغان ئىنتىلىشى، ئارزۇسى پارتىيەمىزنى ئاددىي خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈش، دۇنيانى خەلققە مەنسۇپ دەپ بىلىشتەك كەڭ قورساقلىققا ئىگە قىلدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ماركسىزم قەدىمىي خۇاشيا مەدەنىيلىكىنى جانلاندۇردى؛ تارىختىكى بىردىنبىر ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئۇلۇغ مەدەنىيلىك يەنە ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى ۋە ئۇنىڭغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

تەھدىت ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان ئىنقىلابىي روھ ئۇنىڭ خىسلىتى. 100 يىلدىن بۇيان پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ يېڭى دەۋر ئېچىش، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ياساش جەريانىدا تارىخ سەھىپىسىگە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى پۈتۈپلا قالماي، بەلكى تىللاردا داستان بولغۇدەك، ئۇزاق يىللارنى يورۇتقۇدەك ئۇلۇغ روھنى تاۋلاپ چىقتى. شاڭخەي شىڭيې يولىدىكى شىكۇمېن، جياشىڭ نەنخۇدىكى قىزىل كېمە، جىڭگاڭشەن تېغى ئېتىكىدىكى باجياۋلوۋ، ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى دادۇچياۋ كۆۋرۈكى، داچىڭ نېفىتلىكىدىكى تۇنجى نېفىت قۇدۇقى، چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» پەن تەتقىقات بازىسى، شېنجېندىكى ليەنخۇاشەن تېغى، جىڭجياڭ توسمىسىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خاتىرە مۇنارى، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى شەھەر، كونا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگەن شياڭشىدىكى شىبادۇڭ كەنتى... بۇلار بۇرۇنلا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭقى كەتكەن جۇغراپىيەلىك بەلگە بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدىغان، جان تىكىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان مەنىۋى تۇتېمىغا ئايلاندى. ھەر قېتىم بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، ھەر قېتىم خىرىس يېتىپ كەلگەندە، جۇڭگو خەلقى مەنىۋى جەھەتتە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ.

سوتسىيالىزم ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يۈكسەلدۈرۈپلا قالماي، يەنە مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر مۇھىم نىشان دەل سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، مەدەنىيەت ئىشلىرى، كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، مەدەنىيلىك گۈللىرى ھەممىلا جايدا پورەكلەپ ئېچىلدى. «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» «مەن ۋە مېنىڭ يۇرتۇم» قاتارلىق كىنولار ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ بەردى، «ئويغىنىش يىللىرى» «يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش» «تاغ - دېڭىز مۇھەببىتى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى خەلقنىڭ قەلب تارىنى چەكتى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق» «جاھاندا چاقنىغان جۇڭخۇا» «يىمىڭشەن» «تۇپراققا مەدھىيە» قاتارلىق باش تېما ئەسەرلىرى دەۋر مېلودىيەسىنى تارقاتتى، نۇرغۇنلىغان ئۇلانمۇچىرلار چېگرا رايوندىكى يايلاقتا جانلاندى، نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات - سەنئەت پىدائىي شۆبە ئەترەتلىرى زاۋۇتلاردا، يېزىلاردا يىلتىز تارتتى، نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، دۇنياغا يۈزلەندى... بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان دەۋر مېلودىيەسىنى، دۇنيانى تەسىرلەندۈرىدىغان جۇڭگو سىمفونىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ، خەلق جۇشقۇن ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو، بۇ، مەدەنىيەت گۈللىنىپ جۇلالانغان جۇڭگو. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيىتى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىگە ئايلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان مەدەنىيلىك گۆھىرىگە ئايلاندى!

500 يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەتنىڭ سوتسىيالىزمغا ئىنتىلىش يولىدا، ھەم خۇشپۇراق گۈللەر بار، ھەم زىچ قاپلىغان تىكەنلەر بار. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگولۇقلارنىڭ سوتسىيالىزمغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە، شان - شەرەپ ۋە ئارزۇ جۇلالاندى، شۇنداقلا كۈرەش قىلىش ۋە قۇربان بېرىش بىلەن تولدى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قەھرىمان جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن چېكىنمىدى، ئەزەلدىن تەۋرەنمىدى. تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو سوتسىيالىزمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى!

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو مۇقەررەر ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيادىكى سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ھەققانىي ۋە ئىستىقبالى پارلاق سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تېخىمۇ جۇلالىق نۇر چاچقۇزغۇسى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)