​دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

日期:2021年06月09日
来源:新疆日报网
【字体:

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى​

دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ، ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئويۇن قويۇشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، نەپىس ئىشلەنگەن نادىر سەھنە سەنئىتى ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئىشلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىدىكى مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

خىزمەت پىرىنسىپى − پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، سەنئەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش.

ئاساسلىق نىشانى − سىنارىيەلەرنىڭ سۈپىتى يۇقىرى، مىقدارى كۆپ بولۇش، سەھنە ئەسەرلىرى مول، رەڭدار بولۇش، تىياتىرخانىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولۇش، ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىدە ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىجاد قىلىش، ئورۇنلاش سۈپىتى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، مۇلازىمەت ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ سەھنە سەنئىتىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنى ۋە يېتەكلەش رولىنى مۇستەھكەملەش ۋە جارى قىلدۇرۇش.

نۇقتىلىق ۋەزىپىسى − فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، مۇنەۋۋەر سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا يار - يۆلەك بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىشلەش ۋە ئورۇنلاشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، ئارتىسلارنى كۆپ ئويۇن قويۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان تىياتىرخانا بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ قوش ئۈنۈم بىرلىككە كەلگەن تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتىنى تېزلىتىش خىزمىتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى، سىياسەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.