بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توسمىسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى

日期:2021年06月03日
来源:新疆日报网
【字体:

5-ئاينىڭ 31- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ گۇەنسېن فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى شۇ كۈنى، بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توسمىسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش كۈچەش باسقۇچىغا كىردى. سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭنەن ناھىيەسى بىلەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چياۋجيا ناھىيەسى تۇتىشىدىغان جايغا جايلاشقان جىنشاجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن بۆلىكىدىكى بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى ئېچىش ۋە تۈزەشتىكى مۇھىم سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى«غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكىتايانچ ئېلېكتىر مەنبەسى، شۇنداقلا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمى 16 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدىغان بولۇپ، 2021-يىلى 7-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلىپ، 2022-يىلى 7-ئايدا بارلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىش پىلانلانغان.

5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ئىشچى بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ چوڭ توسمىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ گۇەنسېن فوتوسى

5-ئاينىڭ 31- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا سۈرەتكە تارتىلغان پۈتۈن كۆرۈنۈش). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ گۇەنسېن فوتوسى

5-ئاينىڭ 31- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ گۇەنسېن فوتوسى

5-ئاينىڭ 31- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت ). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ گۇەنسېن فوتوسى