خەلق تورى خەۋىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشياڭ شەھىرى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم پىلىچىلىك رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق بولغان پىلىچىلىك تارىخىغا ئىگە. يېقىندا، شۇ جايدىكى پىلە باققۇچىلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، يېڭى سورت «ئالتۇن غوزەك»نىڭ مەھسۇلات مىقدارى كىشىنى خۇشال قىلدى. «ئالتۇن غوزەك»نىڭ رەڭگى سېرىق، مەشۇتى سۇس ئالتۇن رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن يىپەك بۇيۇملار دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بازارلاردا ئالقىشقا ئېرىشتى.