شىكۇمېندىن نەنخۇ كۆلى ساھىلىگىچە ئەسلىي مەقسەت 100 يىللىق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى

日期:2021年05月18日
来源:新疆日报网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭ بارغان قىزىل مۇقەددەس جايلار − شاڭخەي، جېجياڭ قىسمى

[ئىستون سۆزى]

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى، جياشىڭ نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدىن شىبەيپو 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان ئەسلىي ئورۇنغىچە، يىمېڭ كونا ئىنقىلابىي رايونىدىن شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە باغچىسىغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قىزىل ئىزلىرى» چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارالدى. 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭگېزىتى «يېڭى ئىدىيە يېڭى مۇساپىنى يېتەكلەش . قىزىل ئىزلار» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، يۇغۇرما خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قىزىل ئىزلىرى»نى ئىزدەپ، قىزىل مۇقەددەس جايلاردىكى ئىنقىلابىي تارىخنى قايتا ئەسلەپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، شۇ جاينىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ياخشىلاشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ جىنجى، يۈەن جېنيۈ، گو جىڭدەن، تاڭ تاۋ

شاڭخەي، شىڭيې يولى 76-نومۇر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى؛

جېجياڭ، جياشىڭ نەنخۇ كۆلى، ئىنقىلابىي قىزىل كېمە يولغا چىققان جاي.

100 يىل ئىلگىرى، ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ 13 نەپەر ۋەكىلى شاڭخەينىڭ ئادەتتىكى بىر كوچىسىدىكى شىكۇمېندا «مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە»گە تەييارلىق كۆردى؛ يىغىن ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قېلىپ باشقا جايغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى بىر كىچىك كېمىدە داۋاملىق جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك سادا ياڭرىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن!»

مۇھىم بەلگە ئەھمىيىتىگە ئىگە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئىككى مەنبە نۇقتىسى، قىزىل تارىخنىڭ مۇقەددىمىسىگە گۇۋاھ بولدى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ ئالايىتەن بېيجىڭدىن شاڭخەي ۋە جېجياڭ جياشىڭغا بېرىپ، شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى ۋە جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۈچ گۇرۇپپا ئاپپارات كۆزى ئارقىلىق، ئىنقىلاب چوغىنى ئىزدىدۇق؛ ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ گىرەلىشىشىدە، ئەسلىي مەقسەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى ھاياجان ئىلكىدە ئەسلىدۇق.

«پارتىيە قۇرۇلغان چاغدىكى ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىنتايىن قىممەتلىك، ھەربىر كۆرۈنۈش كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ»

【ئالاھىدە كۆرۈنۈش. شىكۇمېن】

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شاڭخەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى.

شىكۇمېنغا كىرىپ، كىچىك كىتابچە قويۇلغان كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئۇزاققىچە زەن قويۇپ قارىدى. بۇ 1920-يىلى 9-ئايدا بېسىپ نەشر قىلىنغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ جۇڭگو يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى ئىدى. چۈشەندۈرگۈچى مۇنداق دېدى: بىر كوممۇنىستنىڭ ياشانغان دادىسى قازا قىلغان ئوغلىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە باشقا بۇيۇملىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىگە بۇ كىتابنى قويۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن ساقلىنىپ قالغان. باش شۇجى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەن، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇلارنى ياخشى ساقلاش ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، دېدى.

بۇرچنى ھاياتىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سادىق قەلبى. غايەت زور پارتىيە بايرىقى ئالدىغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك قەسەم ئاۋازى قىزىل گېننىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

【يانداش بايان】

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىم قەدىمىنى توختىتىشى، تەپسىلىي كۆرۈشى، سوئال سورىشىنىڭ ھەممىسى ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدىگەنلىك ۋە تارىخقا بولغان ھۆرمەت.» ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگەندە، چۈشەندۈرۈشكە قاتناشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى ياڭ يۈ قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان كۈچنى ھېلىھەم ھېس قىلالايدۇ. «دەل باش شۇجى ئېيتقاندەك، پارتىيەمىزنىڭ بارلىق تارىخىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيىدىن باشلانغان، بىز قانچىلىك يىراق مېڭىشىمىزدىن قەتئىينەزەر كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك».

【ئالاھىدە كۆرۈنۈش. نەنخۇ كۆلى ساھىلى】

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ، شاڭخەيدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ جياشىڭغا بېرىپ، نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈردى. 100 يىل ئىلگىرىكى يازدا، شاڭخەيدە ئېچىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى شاڭخەيدىكى فىرانسىيە كونسېسسىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى بىر كىچىك كېمىگە جىددىي يۆتكىلىپ داۋاملىق ئېچىلىپ، كېمىدە قۇرۇلتاينىڭ بارلىق قارالمىلىرىنى تاماملىغان.

نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا، شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە تۇردى. ئەينى يىلى پۈتۈن مۇساپىدە ھەمراھ بولغان چۈشەندۈرگۈچى يۈەن جىڭنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، باش شۇجى ساراي ئىچىدىكى ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر ئابزاس خەتنى تەپسىلىي كۆرگەن، ئەسلىدە بېكىتىلگەن يېرىم سائەتلىك ئېكسكۇرسىيە ۋاقتى بىر سائەتكە ئۇزارغان. بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىنغان ئەمەلىي بۇيۇم ۋە سۈرەتلەر شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنىدىكى كۆرگەزمە بىلەن بىر-بىرىنى دەلىللەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىش تارىخىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەنىدى.

دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، شاڭخەيدىكى پارتىيە 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە پارتىيەمىز ئارزۇنى قاناتلاندۇرغان جاي. پارتىيەمىز بۇ يەردە دۇنياغا كەلدى، بۇ يەردىن سەپەرگە ئاتلاندى، بۇ يەردىن پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە يۈزلەندى. بۇ يەر پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى.

【يانداش بايان】

«يېقىنقى بەش يىلدا 8 مىليون 920 مىڭ ئادەم قېتىم نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۇلار پارتىيە تارىخىدىن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان روھنى ھېس قىلدى. چوڭ پارتىيە ۋە كىچىك كېمە، مىسلىسىز ئۆزگىرىش ۋە ياشلىق باھار، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت، ھەربىر تەسىرلىنىشنىڭ ھەممىسى ئەسلىي مەقسەتنى مەنبە قىلغان» دېدى يۈەن جىڭ.​

«پەقەت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، تارىخنى خاتىرجەم قىلغىلى، ئەجدادلارنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ»

【يېقىنلاشتۇرۇلغان كۆرۈنۈش. شىكۇمېن】

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنىدىن غەربكە تەخمىنەن 800 مېتىر كېلىدىغان جاي − كونا يۈياڭلى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشەببۇس قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان جاي؛ شىمالىغا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جاي − پۇدېلى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 2-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى؛ جەنۇبىغا تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدىغان جاي − چېڭيۈلى بولۇپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو يېزىقىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى باسقان يوۋشىن باسمىخانىسىنىڭ ئەسلىي ئورنى...

ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شاڭخەيدە ماڭغاندا، ھەممىلا يەردە شىكۇمېندىكى قىزىل تارىخنى كۆرگىلى بولىدۇ − قىزىل ئاسارئەتىقە ، يادىكارلىق ۋە خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىدىن ئىبارەت 600دىن ئارتۇق جايدا قىزىل گېن شەھەرنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەنىدى. قىزىل يەر بەلگىسى كۆركەم ئەسلىي كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى بۇ يەرگە كېلىپ 100 يىللىق قاينام-تاشقىنلىقنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلاتتى.

«گۈلنى ئۇنىڭ قەبرە تېشى ئالدىغا قويغاندا، بەكمۇ ئازابلاندىم، مەن ئاخىر ئۇنىڭ سىيماسىنى ئېنىق كۆردۈم.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنىغا تەخمىنەن يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا لۇڭخۇا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى بار. «ئويغانغان يىللار»دا چېن چياۋنيەننىڭ رولىنى ئالغۇچى، ياش ئارتىس ما چىيۆ ئىنقىلابىي قۇربان چېن يەننيەن، چېن چياۋنيەننىڭ قەبرىسى ئالدىدا چوڭقۇر تەزىم قىلدى. ياش ئىنقىلابچىلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سەمىمىي-ساداقەتمەن ئەسلىي مەقسەت زامان-ماكاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھېلىھەم يېڭى دەۋر ياشلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئەسلىي جاي ئاسارئەتىقىلىرىنى پارتىيە تارىخى «دەرسخانىسى»غا ئايلاندۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخىي ماتېرىياللىرىنى پارتىيە تارىخى «دەرسلىكى»گە ئايلاندۇرۇش، ئىنقىلابىي قۇربانلار، نەمۇنىچىلارنى پارتىيە تارىخى «ئوقۇتقۇچىسى»غا ئايلاندۇرۇش − ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، شاڭخەي قىزىل شەھەرنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.

【يانداش بايان】

«ئۆسمۈرلەر يىراققا يۈرۈش قىلدى، كونا چامادان غايە بىلەن تولدى...» يېقىندا، شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونى ئىجاد قىلغان قىزىل تىياتىر «پۇدېلى»دا كوممۇنىستلارنىڭ قازا قىلغانلارنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە باشقا بۇيۇملىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىگە ھۆججەت يوشۇرۇش ھېكايىسى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى، ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلىرى ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش بولغان ياش كوللېكتىپ ئىدى. «100 يىللىق <ۋاقىت پەرقى>نى چىقىرىۋەتسەك، ئەجدادلار ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ <قۇرداشلىرىمىز>. ئۇلار بىر ئۆمۈر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىزگە ئۇلۇغۋارلىقنىڭ شۇ قەدەر كونكرېت ئىكەنلىكىنى، قۇربان بېرىشنىڭ تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى «پۇدېلى»نىڭ «90-يىللاردا تۇغۇلغان» سېنارىستى ۋۇ بىڭ.

【يېقىنلاشتۇرۇلغان كۆرۈنۈش. نەنخۇ كۆلى ساھىلى】

«زۇمرەت كەبى نەنخۇ كۆلى تۇرار جىمىرلاپ، كىچىككىنە قىزىل كېمە ئىلگىرىلىدى يول باشلاپ...» جياشىڭ شەھەرلىك 1-يەسلىدە، ئوقۇتقۇچى يۈەن يىڭ بالىلارغا «قىزىل كېمە قوشىقى» ئېيتىشنى ئۆگىتىۋاتاتتى، «قىزىل كېمە روھى» مەخسۇس تېما تەربىيەسى دەرسلىكىدىن ئېلىنغان بۇ قوشاق ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچتى. بۈگۈنكى كۈندە، جياشىڭنىڭ «قىزىل كېمە روھى» مەخسۇس تېما ئوقۇتۇشى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلاردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى ھەم «قىزىل كېمە روھى»نى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە ئەمەلىيىتى ۋە كەسپىي ھايات پىلانى بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى.

نەنخۇ كۆلى بويىدىكى جياشىڭ شۆيۈەنىدە، بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى «ئەسلىي مەقسەت» ناملىق دىراما قىلىپ ئىشلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەقىقىي تارىخىي ماتېرىيال خاتىرىسىنى ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلىپ، «قىزىل كېمە روھى»نىڭ دەۋر سېھرىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلدى. 2017-يىلى تۇنجى مەيدان قويۇلغاندىن بۇيان، نەچچە قارار ئوقۇغۇچى «ئەسلىي مەقسەت»نى ئورۇنلىدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندى، ئۆمەكتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

【يانداش بايان】

«بىر مەيدان دىراما بىر قېتىملىق جانلىق بولغان پارتىيە تارىخى لېكسىيەسى، شۇنداقلا ئۇ ئېتىقادلىق ياشلارنى ئېتىقاد ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۆپ ياشلارغا سۆزلەپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تارىخ كۈرەش قىلغان ئۆتمۈشنى مەڭگۈ خاتىرىلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، بىزنى كۈرەش قىلىدىغان كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ» دېدى «ئەسلىي مەقسەت» ناملىق دىرامىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ جىنچاۋ.

«خەلقنى ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتايلى»

【پۈتۈن كۆرۈنۈش. شىكۇمېن】

خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىدىن يىراققا نەزەر سالغاندا، 5.5 كىلومېتىرغا سوزۇلغان شاڭخەي ياڭپۇ رايونى بىنجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى مول سانائەت مىراسلىرى ئەمدى «سانائەت كونا بەلبېغى» ئەمەس، باش تېمىسى روشەن، سىرتقى شەكلى ئالاھىدە يەتتە مۇلازىمەت پونكىتى ساياھەتچىلەرنى بىنجياڭ دەرياسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش بىلەن بىللە، پۇت-قولىنى سۇنۇپ، «تۇرمۇش گۈزەل بەلبېغى»دىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقى، جۇڭگودىكى ئەڭ ئېگىز بىنا شاڭخەي مەركىزى، 22-قەۋەتكە جايلاشقان لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىدىكى پارتىيە-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ئازادە، كەڭ، پائالىيەتلەر مول بولۇپ، لۇجيازۈيدىكى كارخانىلار، ئاق ياقىلىقلارنى تەشكىلنى تېپىش، ئائىلىنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كۆك-تاق، ئاشلىق، سۇ، توك، كۆمۈر، گاز... شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر يۈرۈشتۈرۈش چوڭ زالىنىڭ چوڭ ئېكرانى ئالدىدا، «بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش» خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈرىدىكى «ئېرىشىش تۇيغۇسى» سانلىق مەلۇماتىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى؛ ئاھالىلەرنىڭ قولىدىكى كۆچمە تېرمىنالدا، «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى نىشان قىلغانىدى − شەھەرنى رەقەملەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىشتىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ «ئىككى تور» خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.

【يانداش بايان】

«100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى خەلققە بولغان ساپ مۇھەببەتتىن كەلگەن.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ جيەنگاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دۇنياغا كېلىشى شاڭخەيگە ئوخشاش بولمىغان جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ روھ بېغىشلاپ، «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلق ئۈچۈن» دېگەن ئىدىيەنى يېڭى دەۋردە كۆتۈرەڭگۈ روھنى تېخىمۇ نامايان قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

【پۈتۈن كۆرۈنۈش. نەنخۇ كۆلى ساھىلى】

2005-يىلى، جياشىڭدا كەنت يوللىرى تۇتاشتۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 2018-يىلى، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى ئورنىتىلدى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئۇدا 16 يىل پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى... بۈگۈنكى كۈندە، جياشىڭدا ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولدى، بالىلار ئوقۇيالايدىغان بولدى، مەنزىرە گۈزەل، كىشىلەر ئىناق بولدى، خەلق ئاممىسى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەكشى تەرەققىياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسى نامايان قىلىندى.

جياشىڭ شەھىرىدىكى «96345» مەھەللە مۇلازىمەت ياردەم سوراش مەركىزىدە، مەركەز پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لو يېچىڭ ۋە خىزمەتداشلىرى ھەر كۈنى ياردەم تەلەپ قىلغان تېلېفوندىن نەچچە مىڭنى قوبۇل قىلىدۇ. قۇرۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مەركەز ياردەم تەلىپىدىن جەمئىي 4 مىليون 400 مىڭ پارچە قېتىمدىن كۆپرەكنى قوبۇل قىلىپ بېجىردى، بېجىرىش نىسبىتى %100 بولدى، قايتا زىيارەت قىلىشتا رازى بولۇش نىسبىتى %99.95 بولدى.

100 يىل ئىلگىرى، بىر قىزىل كېمە جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىدىن يولغا چىقىپ، بىر مىللەتنى ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان تارىخىي داستاننى پۈتۈشكە يېتەكلىدى؛ 100 يىلدىن كېيىن، نەنخۇ ھېلىھەم شۇنداق گۈزەل، قىزىل تۇپراق جاھاننى ئۆزگەرتمەكتە.

【يانداش بايان】

«قىزىل كېمىگە كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە ئېتىقادى مۇجەسسەملەنگەن، لېكىن ئېتىقاد ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدىغان، تۇتۇرۇقسىز نەرسە ئەمەس، بەلكى جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ» دېدى لو يېچىڭ. كىچىككىنە قىزىل كېمە بۈگۈنكى كۈندە ھەيۋەتلىك زور پاراخوتقا ئايلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئۆزىگە يۈكلەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى)