دۇنيادا ماڭماق تەس يول يوق — ھاۋا بوشلۇقىدىن قاتناشقا نەزەر

日期:2021年05月11日
来源:新疆日报网
【字体:
ئېغىر يۈك بېسىلغان پويىز ساڭگەن دەرياسى بويىدىكى داتۇڭ ـ چىنخۇاڭداۋ تۆمۈريولىدا كېتىۋاتماقتا(2018 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ ياڭ فوتوسى

قاتناش تىرانسپورتى خەلق ئىگىلىكىدىكىئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ ھەم مۇھىم مۇلازىمەت خاراكتېرلىك كەسىپ بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ قاتناش تىرانسپورتى ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىدا چىڭ تۇردى، تەبىئىي ئېكولوگىيە بىلەن ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشئىدىيەسىدە چىڭ تۇردى، خەلق رازى بولىدىغان قاتناش بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى.ئاساسى ئاجىز بولۇش، ئومۇميۈزلۈك كەينىدە قېلىشتەك قىياپەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە قاتناش تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.

 پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ قاتناش تەرەققىياتى ئۇل ئەسلىھەلىرى تەرەققىي قىلىش، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئېشىش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىگە كىردى. ئۇل ئەسلىھە تورى كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، تىرانسپورت مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىكۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ساھەلەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى، جۇڭگو قاتناش كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى تېزلەتتى.

بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شاڭخەي خوڭچياۋ يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغان G9-قېتىملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىكى ئوق پويىز خۇاڭسۈن كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە (2019-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى،تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىڭ گۇاڭلى فوتوسى

گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ چيەنشى ناھىيەسىشىنرېن يېزىسى خۇاۋۇ كەنتىگە كەنت تاشيولىتۇتاشتۇرۇلدى (2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى

«فۇشىڭ»ناملىق CR300AF تىپلىق ئوق پويىز گۇيياڭ ئوق پويىز ئورنىدا يۈرمەكتە (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياڭ جيېۋېن فوتوسى) شىزاڭ شەننەن شەھىرى لاڭكازى ناھىيەسى پۇماجياڭتاڭ يېزىسىنىڭ پوچتا يوللانمايەتكۈزگۈچى خادىمى گېساڭسىرېن موتوسىكلىت بىلەن پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇماقتا، ئۇزۇن يول يۈرگەندىن كېيىن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5500 مېتىر كېلىدىغان شاكوڭكەنتى كۆرۈندى (2018-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى

گۇيجوۋ جيەنخې-رۇڭجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكىچىڭشۈيجياڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى (2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى

فۇجيەننىڭ فۇشەن تېغى شەھەر ئەتراپى دالا باغچىسىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (2021-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋېي پېيچۈەن فوتوسى

خەينەندىكى ئارالنى ئايلىنىش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گو چېڭ فوتوسى

شىجياڭ ئالتۇن سۇ يولىدىكى گۇاڭشى گۇيگاڭ شەھىرىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسى (2018-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ خۇا فوتوسى

چىڭداۋ پورتىنىڭ ئالدى پورتىدىكى ئاپتوماتىك كونتېينېر پىرىستانى (2018-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭفوتوسى