30-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ۋېلىسىپىت كۆرگەزمىسى باشلاندى

日期:2021年05月07日
来源:新疆日报网
【字体:

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، كۆرگەزمىخانا ئىچىدىكى بىر ۋېلىسىپىت زاۋۇتى ئۆتكۈزگەنكۆرگەزمە مەيدانىدا، بىر «كىچىك ۋېلىسىپىت مىنىش ماھىرى» ۋېلىسىپىت مىنىش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى)

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ۋېلىسىپىت كۆرگەزمىسى شاڭخەيدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى جۇڭگو ۋېلىسىپىت جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانا 1000دىن ئاشىدۇ، كۆرگەزمە ئورنى 6000غا يېتىدۇ. جۇڭگو ۋېلىسىپىت جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ۋېلىسىپىت كەسپىنىڭ ئېكسپورت زاكاز تالونى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھازىر، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانى تىزىلىپ توشۇپ كەتتى، بەزى كارخانىلار كېيىنكى يىللىق ئېكسپورت زاكازىنى تاپشۇرۇۋالدى، كەسىپلەرنىڭ ئېكسپورت زاپاس كۈچى ناھايىتى يېتەرلىك.

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر ئېكسكۇرسىيەچى تاشيول ۋېلىسىپىتىنى تەپسىلىي كۆرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سەي ياڭ فوتوسى)

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، چەت ئەللىك ئىككى سودىگەر (سولدىن 1-كىشى، سولدىن 2-كىشى) كۆرگەزمە ئورنىدا سودا كېڭىشىشى ئېلىپ بارماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى)

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىرنەچچە ئېكسكۇرسىيەچى بىر خىل نۇسخىدىكى قاتلىنىدىغان ۋېلىسىپىت ئۈستىدەمۇنازىرىلەشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سەي ياڭ فوتوسى)

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر خىزمەتچى خادىم كارتون شەكلىدىكى توكسىكلىت قالپىقىنى كۆرسەتمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سەي ياڭ فوتوسى)

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر ۋېلىسىپىت سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى كۆرگەزمە ئورنىدا سىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلىدە چەت ئەللىك خېرىدارلارغا مەھسۇلات تونۇشتۇرماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى)

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر كۆرگەزمىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋېلىسىپىت كۆرگەزمە سۇپىسىدا قەدىمىنى توختىتىپ كۆرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى)

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بىر ۋېلىسىپىت كارخانىسىنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسىدا كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى)

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر كۆرگەزمىدە ۋېلىسىپىت مىنىش ئويۇنىنى ھېس قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى)