جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرىنى تېخنىكا خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى!

日期:2021年04月27日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 26- چېسلا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسىدىكى بۇلغانغان سۇلارنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە تېخنىكا خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، كورىيە مەزكۇر ئورگاننىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا كىرىشنى تەلەپ قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە IAEA بىلەن كېڭەشتىمۇ؟

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر يادرو ھادىسىلىرىنىڭ بىرى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل قاراردىن گۇمانلىنىشى ۋە قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، بىخەتەرلىك بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تولۇق قوللانمىغان، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلىمىغان، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تولۇق كېڭەشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، فوكوشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسىدە پەيدا بولغان يادرو بۇلغىنىش سۇلىرىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلدى. بۇ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، بۇ خىل قىلمىش ياپونىيە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە دۇنيا دېڭىز-ئوكيان مۇھىتى ۋە خەلقئارا جامائەت ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت سالدى. جۇڭگو مۇھىم مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەلۋەتتە ياپونىيەنىڭ بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشىغا دىققەت بىلەن قارايدۇ.

جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ جۇڭگو قاتارلىق مەنپەئەتدار تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىكا خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تېزدىن تەشكىللەپ، ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو بۇلغىنىش سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، كېيىنكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خەلقئارا باھالاش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو بۇ ھەقتە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن زىچ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. ئاپپارات ئالاقىدار تېخنىكا خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا پائال تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ، يېقىندا جۇڭگو تەرەپكە جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرىنى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. جۇڭگو ئاپپاراتنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. ياپونىيە تەرەپ يادرو بۇلغىنىش سۇلىرىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، جۇڭگو تەرەپ قاتارلىق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارزۇسىنى ھەقىقىي قاندۇرۇشى كېرەك.