يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ تۇرالغۇسى 25- چېسلادىن باشلاپ سىرتقا ئېچىۋېتىلدى

日期:2021年04月27日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇخبىرنىڭ خۇنەن ئۆلكىسى شاۋشەن باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ شاۋشەندىكى تۇرالغۇسى (ئاساسىي گەۋدىسى)50 نەچچە كۈن رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، 25- چېسلا سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ تۇرالغۇسى 1951- يىلى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئۇ جايدا كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، يىل بويى يۇقىرى سەۋىيەدىكى كۈتۈۋېلىش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جەنۇبنىڭ نەم كىلىماتىنىڭ تەسىرىدە، قوغداش خاراكتېرلىك رېمونت قىلىش ئىشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى باشلانغان ئىدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى رېمونت قىلىشتا، ئەڭ كىچىك ئارىلىشىش پىرىنسىپى قوللىنىلغان، قوللانغان قوغداش تەدبىرلىرى ھازىرقى ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇش، زەخىملىنىشنى تۈگۈتۈشنى ئاساسىي نىشان قىلغان. رېمونت قىلىش مەزمۇنلىرى بولسا، كونا ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىشتىن، ھەمدە ئۆينىڭ ياغاچ دېتاللىرىنى چىرىشتىن ۋە ھاشارەتتىن ساقلاش ۋە بۇزۇلۇپ كەتكەن تام يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى رېمونت قىلىشتا كونا تۇرالغۇ ئىچىدىكى يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى قوغداش خاراكتېرلىك كۆچۈرۈلدى، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە پېچەتلىنىپ قوغدالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي ئىچىگە ئومۇميۈزلۈك قېلىپ ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا يەر يۈزىنىڭ ۋە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىككىلەمچى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىلدى. تولۇق يېپىق ھالەتتە رېمونت قىلىش مەزگىلىدە، كونا تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش تۈرى ئىچىدىكى كونا تۇرالغۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئالدى تۈزلەڭلىكى، قوناق قۇرۇتۇش تۈزلەڭلىكى ۋە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئەتراپىدىكى يولنى ۋە يول يۈزىنى رېمونت قىلىش ھەمدە سىرتقى يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۈزەش-كۆكەرتىش ماس قەدەمدە تاماملىنىپ، كونا ئورنىنى ئەلالاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ كۆرگەزمىگە ھازىرلاندى. بۇنىڭ بىلەن، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىنىڭ تارىخىي ماتېرىيال قىممىتى ۋە ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى باسقۇچتا خۇنەن ئۆلكىسى شاۋشەن باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقا كونا جايلارنى قوغداش، رېمونت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.