شيۇڭئەن يېڭى رايونى: شيۇڭجوۋ نەشپۈت چېچىكى سەيلىسى باشلاندى

日期:2021年04月09日
来源:新疆日报网
【字体:

4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى شيۇڭشيەن ناھىيەسى شيۇڭجوۋ بازىرىدا باغۋەنلەر نەشپۈت دەرەخلىرىنى چاتىماقتا(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا شيۇڭجوۋ نەشپۈت چېچىكى سەيلىسى باشلاندى، بۇ چېچەك سەيلىسى «باھاردا ئىللىقلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولۇش گۈزەلشيۇڭجوۋ»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مەقسەت قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىڭ گۇاڭلى فوتوسى

4-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شيۇڭئەن يېڭى رايونى شيۇڭشيەن ناھىيەسى شيۇڭجوۋ بازىرىدىكى نەشپۈتزارلىق(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

4-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئات يېتىلەپ، چېچەك سەيلىسى قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر شيۇڭئەن يېڭى رايونى شيۇڭشيەن ناھىيەسى شيۇڭجوۋ بازىرىنىڭ شيۇڭشەن باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىشيۇڭئەن يېڭى رايونى شيۇڭشيەن ناھىيەسى شيۇڭجوۋ بازىرىدىكى نەشپۈتزارلىقتا ۋېلىسىپىت مىنمەكتە.