«خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز»

−− شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا 6-مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2021年03月30日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 6-مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا يالغان-ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئالاقىدار شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرگە يەككە تەرەپلىمە جازا قوللاندى. بۇ خىل ئۇسۇل خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى، ئالىملار ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلارنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈردى. جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئالدىدا، ئۇلار پاكىت ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  «سىلەر نومۇس قىلمامسىلەر؟ سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلار ئازاپلانمامدۇ؟»

  شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن رايون، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ خەۋەر بېرىشىگە قارىتا، جۇڭگو ئىزچىل قارشى ئېلىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. لېكىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شىنجاڭدا جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلمايدىغان ۋە كەسپىي ئەخلاققا خىلاپ بەزى ئىشلارنى قىلىپ، ئاتالمىش «دەلىللەش»، «چېقىلىش» پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى.

  يېقىندا، مەلۇم رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى پاختا پىششىقلاش زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغاندا، زاۋۇت سىرتىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، زاۋۇتقا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىمەي تۇرۇپلا، خەۋىرىدە: «جۇڭگو نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتنى كېۋەزلىكتە جاپالىق جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلاۋېتىپتۇ» دەپ تۆھمەت قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ مۇخبىرى ئاقسۇ كۇچا ئانار ئۇرۇقى كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنى زىيارەت قىلغاندا، زىيارەت قىلىنغۇچى ئوبيېكتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ئەھۋالدا، مەجبۇرىي سۈرەتكە ئېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن، ئېلان قىلغان خەۋىرىمۇ ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ھەتتا كۇچا ئانار ئۇرۇقى كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرىنى «ھۆكۈمەت ئەمەلدارى» دەپ «كۆپ قېتىم ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتتىكى ئەمەلدارلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدىم» دەپ تۆھمەت قىلغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قىلمىشلارنىڭ قىلچە كەسپىي دىيانىتى، قىلچە كەسپىي ئەخلاقى، قىلچە مەسئۇلىيىتى ۋە ساپاسى يوق بولۇپ، ئاخبارات كەسپىي ئەخلاقىدىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەپ، ئوبيېكتىپ، تەڭپۇڭ، ئادىل بولۇش مەيدانىدىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەپ كەتتى. قايسى دۆلەت بۇنداق تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ خالىغانچە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ تۆھمەت قىلىشىغا چىداپ تۇرالايدۇ؟! شۇ تاپتا كەسكىن ھالدا شۇنداق بايانات ئېلان قىلىمەنكى، بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ پىرىنسىپال تۆۋەن چېكىمىز بار. كىمكى «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ ئاتالمىش «دەلىللەش»، «چېقىلىش» پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جىنايىتى بار دەپ قىياسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىدىكەن، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىكەن بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز! بىز ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغان، كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بارلىق تاراتقۇلارنىڭ قەغەز ۋە قەلەم، كامېرا ۋە مىكروفون ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بورتالا شەھەرلىك توقۇمىچىلىق شىركىتىدە ئىشلەيدىغان شىنجاڭلىق قىز ئالمىرە تۇرسۇن كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ شىركەتتىكى خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى: شىركەت ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ، سافا، كىيىم ئىشكاپى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزور قاتارلىق ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يەنە تور بار؛ شىركەتتە مۇسۇلمانچە ئاشخانا بار، ئۇيغۇر ئاشپەزلەر تاماق ئېتىدۇ، ھەر ھەپتىدە پولۇ، لەغمەن، پېتىر مانتا قاتارلىقلارنى يەيمىز؛ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئائىلەمدىكىلەر، دوستلىرىم بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىمەن، تېلېۋىزور كۆرۈمەن، مۇزىكا ئاڭلايمەن، ھەپتە ئاخىرىدا دوستلىرىم بىلەن بازار ئايلىنىپ مال سېتىۋالىمەن، كىنو كۆرۈمەن؛ ھەر ئايدا ئۆيگە پۇل ئەۋەتىپ بېرىمەن، ئۆيۈمنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى... سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، چېگرا سىرتىدىكى كىشىلەر دېگەن «مەجبۇرىي ئەمگەك» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

  پوسكام ناھىيەلىك تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى دىلنار قاھار چېگرا سىرتىدىكى قۇلاققا خۇشياقمايدىغان پىتنە-ئىغۋالارنى ئاڭلاپ، ئۇ ۋە ساۋاقداشلىرى ئىنتايىن غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: بىز تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش قىلىپ، تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىمىز تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، مۇئەللىم بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى، بىز چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق، ھازىرمۇ ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز. مەن پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلارغا شۇنى دەيمەنكى، سىلەر كۈن بويى ئاغزىڭلارغا كەلگەننى بىلجىرلاپ، تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى قىز كۇرسانتلارنىڭ نامىغا قارا چاپلاش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنىڭ خۇپىيانە مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدۇڭلار، سىلەر بۇنىڭدىن نومۇس قىلمامسىلەر؟ ۋىجدانىڭلار ئازاپلانمامدۇ؟

  «ئاق قارا بولمايدۇ، قارا ئاق بولمايدۇ!»

  «پاختا ئاق، لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى قارا.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت دېھقانلار كېۋەز تېرىشنى خالايدۇ، چۈنكى پايدىسى يۇقىرى، سېتىش يولى كەڭ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى يۈكسەك دەرىجىدە ماشىنىلاشتى، ئالدىراش تېرىش پەسلىدىمۇ نۇرغۇن «پاختا تەرگۈچىلەر»نىڭ كېرىكى قالمىدى. 2020-يىللىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا پاختىنى ماشىنىدا تېرىش نىسبىتى %69.83كە يەتكەن. ئامېرىكىنىڭ ئىستىراھەت تەنھەرىكەت ماركىسى سىكېچېرس 3-ئايدا ئېلان قىلغان «سىكېچېرسنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتى»دا، بۇ شىركەت جۇڭگولۇق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاتالمىش مەجبۇرىي ئەمگەكچىنى بايقىمىدى، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بەزى غەرب كارخانىلىرى ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا قارىغۇلارچە قارشى تۇرۇش قارارىنى چىقاردى، نەتىجىدە ئۇلار جۇڭگو بازىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، جۇڭگونىڭ خېرىدار مەنبەسىدىن زىيان تارتىدۇ، كارخانىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ، خالاس. بىز ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پاختىكارلار ۋە پاختا توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئاقىلانە تاللىشىنى قارشى ئالىمىز.

  جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «شىنجاڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، مەسچىت قاتارلىق ئىسلام دىنى سورۇنلىرىنى كەڭ كۆلەمدە چېقىۋەتتى» دېدى، ئېلىجان ئانايىت بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: بۇ دېگەن قۇرۇق گەپ. شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى 20-ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن سېلىنغان. شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ تېزلىشىشى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى ۋە ئىلتىماس قىلىشىغا ئاساسەن، شەھەرلەردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن يېڭىدىن سېلىش، كۆچۈرۈش، كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەسچىتلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆي مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلدى، مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ بىخەتەر، جايلىشىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىمۇ ئىنتايىن رازى بولدى. ھازىر، شىنجاڭدىكى مەسچىتلەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

  قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسى ئىپارخان باغچىسى مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمتىمىن رىشات مۇنداق دېدى: مەن تۇرۇۋاتقان مەسچىت 1873-يىلى سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4800 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1800 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 1500 دىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەسچىتتە سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش، رادىيو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار، تېببىي دورا مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، كومپيۇتېر، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى، ئىچىملىك سۇ ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن، شارائىتى ئىنتايىن ياخشى. بىزنىڭ ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش يولىمىز ئىنتايىن راۋان، مەسچىت، دىنىي مەكتەپلەردە ئۆگەنسەكمۇ، دىنىي كىتابلار، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنى ئوقۇش ئارقىلىق ۋە تورغا چىقىپ ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ. 2017-يىلى، مەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا بېرىپ، «قۇرئان»نى قىرائەت قىلىش، ھەدىس، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-قائىدىلىرى قاتارلىق دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەندىم.

  «ئاق قارا بولمايدۇ، قارا ئاق بولمايدۇ!» مەمتىمىن رىشات غەزەپلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئەگەر راستتىنلا چېگرا سىرتىدىكى بەزى تاراتقۇلار ئېيتقاندەك بولسا، مەسچىتىمىزنىڭ شارائىتى مۇشۇنداق ياخشى بولامتى؟ مۇسۇلمانلار دىنىي پائالىيەتلەرنى نورمال قانات يايدۇرالامتۇق؟ مەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە ئوقۇيالامتىم؟

  «ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش»

  خوتەن شەھەرلىك تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى تاھىرجان توختى مۇنداق دېدى: چېگرا سىرتىدىكى ئاشۇ كىشىلەر بىزنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزىمىزنى «جازا لاگېرى» دېدى، بۇ پۈتۈنلەي كۆزىنى ئېچىپ يالغان سۆزلىگەنلىك. تەلىم-تەربىيە مەركىزى بىر مەكتەپ بولۇپ، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەر كۈنى ئالتە سائەت دەرس ئۆتىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىمىز. مەكتەپنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشى ئىنتايىن مول بولۇپ، دائىم ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركى قاتارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئاشخانا ھەر كۈنى تۈرى كۆپ، ئوزۇقلۇقى ياخشى مۇسۇلمانچە تاماقلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ياتاقتا تېلېۋىزور، شامالدۇرغۇچ ۋە مۇنچا بار.

  تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، تاھىرجان توختى بىر ئاشخانا ۋە غوجىلىق شىركىتى ئاچتى. «مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىن بەك مىننەتدارمىز، تەلىم-تەربىيە مەركىزى بىزنى نورمال تۇرمۇشقا قايتۇرۇپ كەلدى.» تاھىرجان توختى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن كارخانا باشقۇرۇش، قانۇن-نىزام بىلىملىرىنى ئاشخانا ۋە شىركەتنىڭ تىجارەت باشقۇرۇشىدا ئىشلەتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئاشخانىسى ۋە غوجىلىق شىركىتىدە 60 نەچچە خىزمەتچىسى بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە بىرنەچچە غوجىلىق شۆبە شىركىتى ئېچىپ، خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى پىلانلىدى.

  خەلقئارادىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىملىك زاتلار ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى بارغانسېرى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، پاكىستان ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق سورىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ نامراتلىق ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ خەۋپىگە ئۇچراپ كەلدى، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى باستۇردى، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا جۇڭگو شىنجاڭنى تەنقىدلەيدۇ ۋە ئەيىبلەيدۇ؟

  شۈ گۈيشياڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى بەزى تەشكىلات ياكى ئەمەلدارلار يەنىلا شىنجاڭنى تەنقىدلەيدۇ؟ چۈنكى، ئىلگىرىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۆپ يۈزبېرىدىغان ھالەت ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى «ئەڭ گۈزەل مەنزىرە» ئىدى. ھازىر شىنجاڭدا مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش ئىشقا ئاشتى، خەلق تۇرمۇشى تىنچ، ئىناق بولدى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر مەقسىتىگە يېتەلمەي ناھايىتى تىت-تىت بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن شىنجاڭنى ئەيىبلىدى. بۇ خىل قاراڭغۇ پىسخىكىنى بىز ناھايىتى ئېنىق كۆردۇق، شىنجاڭنىڭ قىلغان بارلىق ئىشىنى ئەيىبلىگۈدەك ھېچقانداق ئىش يوق، ئەمەلىيەتمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، بىز ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيمىز.

  شۈ گۇيشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز. بۇ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ بوھتان چاپلىغانلىقىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب.