كىچىك قەدەم بىلەن تەڭشەش، ئېلاستىك يولغا قويۇش، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

日期:2021年03月30日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا كىچىك قەدەمدە تەڭشەش، ئېلاستىك يولغا قويۇش، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش قاتارلىق پىرىنسىپلار بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

نېمە ئۈچۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى كېچىكتۈرۈلىدۇ؟ بۇ پىرىنسىپلارنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ مۇخبىر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيگاڭنى زىيارەت قىلدى.

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق.

جىن ۋېيگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈشتە، ئاساسلىقى تۆت جەھەتتىكى مەسىلە ئويلىشىلدى. ئۇلار: كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمۈرنىڭ ئېشىشى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ تېزلىشىشى، تەربىيەلىنىش يىل چېكىنىڭ ئېشىشى، ئەمگەك كۈچى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت.

ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 40 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ، 2019- يىلىدىكى 77.3 ياشقا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، پېنسىيەگە چىقىش يېشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 80 ياشتىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى 1951-يىلى بېكىتىلگەندىن كېيىن، 70 يىلغىچە تەڭشەلمىگەن. شۇڭا، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنىڭ ئۆسۈشىگە ئاساسەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى تۈزۈمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئىككىسىنى ئىلمىي ماسلاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىزدە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى نوپۇسنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %18.1كە يەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 300 مىليوندىن ئاشىدىكەن. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش يۈزلىنىشى تېزلىشىۋاتقان بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەگەر پېنسىيەگە چىقىش يېشى تەڭشەلمىسە، بۇ، خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ بارغانسېرى ئازىيىشىدىن، پېنسىيەگە چىقىدىغانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى روشەن بولىدۇ.

تەربىيەلىنىش يىل چېكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىشىدىن قارىغاندا، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرى ئىچىدە ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغانلارنىڭ نىسبىتى يېرىمدىن ئاشقان، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 13.7 يىلغا يەتكەن، خىزمەت قىلىشقا باشلىغانلارنىڭ يېشى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن. پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، ئوتتۇرىچە خىزمەت يىل ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى ۋە ئادەم كۈچى كاپىتالىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىق يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار مەركەزلەشكەن ئورۇن ۋە ساھەلەردە بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.

ئېلىمىزنىڭ ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس سانى 2012- يىلىدىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلاپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 مىليوندىن كۆپرەك ئازايدى ھەمدە ئازىيىش دەرىجىسى زورايدى. ئەگەر پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتى مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈلسە، كۆلىمى كۈنسېرى زورىيىۋاتقان ياشانغانلار ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىپ ياخشى پايدىلانسا، مەلۇم دەرىجىدە ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەقسىملىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىشى يېنىك دەرىجىدىن ئوتتۇرا ھال قېرىلىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇ تارىخىي ئۆزگىرىش ئېلىمىز ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىرىگە زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر تاقابىل تۇرۇپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىسلاھات رىتىمى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولماقتا، شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش بوشلۇقى بار.

پىروگراممىدا كىچىك قەدەمدە تەڭشەش ۋە ئېلاستىك يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ ئويلىشىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە.

جىن ۋېيگاڭ مۇنداق تەھلىل قىلدى: كىچىك قەدەم بىلەن تەڭشەشنى ئاددىي ھالدا مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ، يەنى پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى بىر قەدەمدىلا «ئىزىغا چۈشۈپ» كېتەلمەيدۇ، بەلكى تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلىدىكى ئىسلاھاتنى قوللىنىپ، بىر قەدەر كىچىك دائىرىدە تەدرىجىي يولغا قويۇپ، ھەر يىلى نەچچە ئاي ياكى ھەر نەچچە ئايدا بىر ئاي كېچىكتۈرۈلىدۇ، رىتىمى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولىدۇ.

ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، پېنسىيىگە چىقىش ئالدىدا تۇرغانلار بىر ئاي ياكى بىر نەچچە ئايلا كېچىكىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ شەخسىي خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ياشراق ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن، گەرچە ئۇزارتىش دائىرىسى چوڭراق بولسىمۇ، لېكىن پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، 10 يىل، 20 يىلدىن كېيىنكى ئىش ھېسابلىنىدۇ، ئۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت، تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، روھىي ھالىتى قاتارلىقلاردا نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولىدۇ، شەخسلەرنىڭمۇ تەڭشەش ۋە ماسلىشىش ۋاقتى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.

ئېلاستىك يولغا قويۇلىدۇ، يەنى پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشتە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىنكى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يەتكەندىلا ئاندىن پېنسىيەگە چىقىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنمەستىن، بەلكى شەخسنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى تاللاش بوشلۇقىنى كۆپەيتىش كېرەك. بۇمۇ پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر.

ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەيلى ئوخشاش بولمىغان كەسىپ توپى، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىقى ۋە خىزمەت سىجىللىقىدىن قارىغاندا بولسۇن ياكى شەخسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە ئېھتىياجى ۋە قىممەت ئىستىكىدىن قارىغاندا بولسۇن، ھەممىسىدە بىر قەدەر چوڭ پەرق مەۋجۇت، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىدا، بۇ خىل كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. بىر تۇتاش يولغا قويۇش ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ رېئال دۆلەت ئەھۋالى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە تارىخىي تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئېلاستىك ئامىللارنى كۆپەيتىپ، شەخسلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالى ۋە شارائىتىغا قاراپ مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىدىغان كونكرېت ۋاقىتنى تاللىشىغا يول قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ جانلىقلىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىدا پېنسىيە ياش پەرقىنى داۋاملىق ساقلاشتا، يانداش سىياسەت ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ

پىروگراممىدا تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دەپ قارىدى، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش − پېنسىيەگە چىقىشنى ئوخشاش كېچىكتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پېنسىيەگە چىقىش سىياسىتى بىلەن مۇقىم جىپسىلاشتۇرۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشى ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 60 ياش، ئايال كادىرلارنىڭ 55 ياش، ئايال ئىشچىلارنىڭ 50 ياش بولۇپ، سىياسەت ئوخشىمايدۇ. پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشتا ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى پەرقلەندۈرۈپ، مۇۋاپىق رىتىم قوللىنىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ھازىرقى ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، رايون، ئىش ئورنىدا ساقلانغان بەزى سىياسەت پەرقىگە قارىتا، ئىسلاھاتتىن كېيىنمۇ سىياسەتنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ، سىياسەتنىڭ تەڭشىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە تەرتىپلىك جىپسىلىشىشى، سىلىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش لازىم، يەنى پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشتە «يالغۇز ئىلگىرىلەش»كە بولمايدۇ. پېنسىيەگە چىقىش يېشى مەسىلىسى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، شۇڭا پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يانداش ۋە كاپالەت سىياسەت-تەدبىرلىرى ئىنتايىن كۆپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئىلگىرىكى پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سىياسەتلەر پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشكە ئەگىشىپ مۇناسىپ تەڭشىلىشى كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىمۇ بەزى يېڭى پۇرسەت، مەسىلە ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مۇناسىپ يانداش تەدبىرلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەگىشىپ مېڭىشىغا توغرا كېلىدۇ.

مەسىلەن، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، چوڭ ياشلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ قانداق قىلغاندا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا، بولۇپمۇ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.