تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پاختا ئىستېمال مىقدارى ھەر يىلى 7 مىليون 500 مىڭ توننىدىن 8 مىليون 500 مىڭ توننىغىچە مۇقىملاشتى، بۇ يەر شارى پاختا ئومۇمىي ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 5 مىليون 950 مىڭ توننىغا، ئومۇمىي ئېھتىياج مىقدارى تەخمىنەن 7 مىليون 800 مىڭ توننىغا، پەرق تەخمىنەن 1 مىليون 850 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن. دۆلىتىمىز ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىمپورت يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، بىرازىلىيە، ھىندىستان قاتارلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى پاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.