خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 24-مارت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلدى. بەلگە پارتىيە گېربى، «100»، «1921»، «2021 » ۋە 56 نۇر سىزىقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغان 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى جانلىق نامايان قىلىندى.