ئىلگىرىكى نامرات ئاھالە بۈگۈنكى كۈندە لاۋبەنگە ئايلاندى

日期:2021年02月24日
来源:新疆日报网
【字体:

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر ۋاڭ ۋېي خەۋىرى)شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۇچېڭ يېزىسى باغۋەنچىلىك كەنتى 335-دۆلەت يولى يېنىدىكى بىر قورۇغا كىرگىنىڭىزدە، ھويلىنىڭ پاكىز، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ھويلىنىڭ تېمىغا رەتلىك قىلىپ ياغاچ دۆۋىلەنگەنلىكى، سايىۋەن ئىچىگە كىچىك ئاپتوموبىل ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ قويۇلغانلىقىنى، ھەممە يەردىن ئۆي ئىگىسىنىڭباياشات ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

  «كېلىڭ، كېلىڭ، ئۆيگە كىرىڭ! غاپپار قادىر ئىشىكنى ئېچىپ، مۇخبىرنى كۈتۈۋالدى. ئۆي ئىچى يورۇق، ئازادە بولۇپ، كۆمۈر تازا كۆيۈۋاتقان ئىدى، شىرە مېۋە-چېۋە، قۇرۇق مېۋىلەر بىلەن لىق تىزىلغان، چوڭ رەڭلىك تېلېۋىزور تامغا ئېسىلغان ئىدى، غاپپارنىڭ خوتۇنى ئاشخانىدا چۈشلۈك تاماق تەييارلاۋاتاتتى، 59 ياشلىق غاپپار قادىرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى.

  ـــ بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ لاۋبەن بولالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولى تېپىلدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى» ھازىرقى تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، غاپپار قادىر كۆڭلىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىدى.

  كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئاسان ئەمەس، نەچچە يىل ئىلگىرى غاپپار قادىر يەنىلا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى.

  غاپپار قادىر 18 يىل بۇرۇن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، سول پۇتى يارىلانغانىدى، ئەينى چاغدا، ئۆيدىكى تۆت بالىنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئائىلىدىكى ئالتە جان 6.8 مو يەرنىڭ ئوبوروت ھەققى ۋە خوتۇنىنىڭ سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، تۇرمۇشى ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى.

  غاپپار قادىر 2014-يىلى باغۋەنچىلىك كەنتى تەرىپىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى گۇچېڭ يېزىسى باغۋەنچىلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە باغۋەنچىلىك كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى غاپپار قادىرغا 48 «نامراتلارنى يۆلەش قويى» ئەكىلىپ بەردى، ھەر يىلى ھاۋالىلىك بېقىش ھەققىدىن 6200 يۈەن تاپاتتى، يەنە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يەر ئوبوروت ھەققى قوشۇلۇپ، ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

  غاپپار قادىر ئىلگىرى نىمكەش ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىسى قىلىپ باققان بولۇپ، خېلى تەجرىبىسى بار ئىدى. « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىلھامۋە ياردەم بېرىشى بىلەن، غاپپار قادىر 335-دۆلەت يولىنىڭ يېنىدىكى ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر ياغاچ ماتېرىيالى رەڭلىك پولات پىششىقلاش زاۋۇتىنى رويخەتكە ئالدۇردى.

  ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى كونا مال سودا بازىرىدىن بىر تۈركۈم نىمكەش ياغاچ ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزۈپ، ئەتراپتىكى ئامبار ۋە قوي-كالا قوتىنى سېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان كەنت ئاھالىلىرىگە سېتىپ بەردى. ئاستا-ئاستا، ئەتراپتىكى يېز-بازارلاردىكى كەنت ئاھالىلىرى غاپپار قادىرنىڭ ئۆيىدە ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپلا قالماي، يەنە ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرىدىن كەلگەن خېرىدارلارمۇ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ، سودىسى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. ئەينى يىلى غاپپار قادىر نىمكەش ياغاچ ماتېرىيال سېتىشتىن قىلغان ساپ كىرىمى 120 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  نەچچە يىلدىن بۇيان، غاپپار قادىرنىڭ سودىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى، ئۇ ئىككى كىچىك ئاپتوموبىل ۋە بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئالدى، يەنە 180 مىڭ يۈەن خەجلەپ 150 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سالدى. «ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، كۈنلىرىم ياخشى بولۇپ كەتتى.» ئىلگىرىكى نامرات كۈنلەرنى ئەسلىگەندە، غاپپار قادىر چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

  ئىلگىرىكى نامرات ئائىلە ھازىر لاۋبەن بولدى.