شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەي قاتناش داشۆسى 2021-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى باشلىدى. بۇ مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇغۇچىلار مەسئۇل ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن مەكتەپكە قايتىش تەرتىپى ۋە كونكرېت تەلەپنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. مەكتەپكە قايتىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش قىسقا ئۇچۇرى، شەخسىي كىنىشكىسى، ساغلاملىق كودى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن مەكتەپكە كىرىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى