بۇ فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرى يۇڭتەي ناھىيەسى چاڭچىڭ بازىرى شاڭجى كەنتىدە پورەكلەپ ئېچىلغان لىخۇا گۈلى (2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەردە قىچا گۈلى، لىخۇا گۈلى پورەكلەپ ئېچىلىپ، باھار تۈسى ئالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيۋېي فوتوسى
2-ئاينىڭ 19-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىنىڭ مىنچىڭ ناھىيەسى بەيجۇڭ بازىرى پۇشيەن كەنتىدە، دېھقانلار ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا يەر ئاغدۇرۇپ گۈل-گىياھ تىكىشكە تەييارلاندى.
2-ئاينىڭ 19-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرى يۇڭتەي ناھىيەسى چاڭچىڭ بازىرى شاڭجى كەنتىدە، دېھقانلار پورەكلەپ ئېچىلغان لىخۇا گۈلى ئەتراپىغا ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى چېچىپ، خۇاسېڭ تېرىشقا تەييارلاندى.
2-ئاينىڭ 19-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرى مىنچىڭ ناھىيەسى بەيجۇڭ بازىرى جۇجۇڭ كەنتىدە، ھەسەل ھەرىسى قىچا گۈلى ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرمەكتە.