2-ئاينىڭ 19-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان يىڭخۇا گۈلى جىلغىسىدىكى ياۋا يىڭخۇا گۈلى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، ھاۋا رايىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى فۇياڭ رايونى خۇيۈەن يېزىسى شىلۇڭ كەنتى بېيكېڭۋۇ يىڭخۇا گۈلى جىلغىسىدىكى ياۋا يىڭخۇا گۈللىرى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، يەرلىك يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ «چاغان تۇنجى كۆرۈنۈشى»نى كۈتۈۋالدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇيۈەن يېزىسى يېزا-كەنت مۇھىتىنى پائال ياخشىلاپ، يىڭخۇا گۈلى جىلغىسىدا گۈل سەيلىسى قىلىش، خاس تاغلىق يېزا ئۆرپ-ئادىتىنى سىناپ كۆرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا-كەنت ساياھەت خاس تۈرىنى بەرپا قىلىپ، «ئەتىيازدا يىڭخۇا گۈلىدىنھۇزۇرلىنىش، يازدا سۇ ئويناش، كۈزدە نازۇ-نېممەتلەرگە ئېغىز تېگىش، قىشتا ئۆپ-ئادەتلەرنى سىناپ كۆرۈش»دىن ئىبارەت «تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى گۈزەل» يېزا-كەنت ساياھەت تەرەققىيات كارتىنىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى