بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسى ئۇدا يەتتە قېتىم ئۆستى

日期:2021年02月19日
来源:新疆日报网
【字体:
2-ئاينىڭ 18-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلىماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى دېيىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار ماي باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى بويىچە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم 275 يۈەن ۋە 265 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن. بۇ 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇيان ئۇدا 7-قېتىم ئۆستۈرۈلۈشىھېسابلىنىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى ۋاڭ جيەنمىن فوتوسى

2-ئاينىڭ 18-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنەنجىڭ شەھىرىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا خىزمەتچى خادىم ئاپتوموبىلغاماي قاچىلىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنلىقى تارقاتتى سۇ ياڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 18-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى رېنزې رايونىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى سۇڭ جيې فوتوسى