مېۋىسىنى شالاڭلاتقاندىلا، ئاندىن ياخشى ئالما ئۆستۈرگىلى بولىدۇ

日期:2023年06月13日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

موۋ زۇڭباۋ:ئاجىز دەرەخلەردىكى مېۋىنى كۆپ شالاڭلىتىش، ئاجىز شاخلاردىكى مېۋىنى كۆپ شالاڭلىتىش، ساغلام دەرەخلەردىكى مېۋىنى ئاز شالاڭلىتىش، ساغلام شاخلاردىكى مېۋىنى ئاز شالاڭلىتىش كېرەك. ئىلگىرى، نۇرغۇن كىشىلەر ئالما دەرىخى قانچە كۆپ مېۋىلىسە، مەھسۇلات مىقدارى شۇنچە يۇقىرى، شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇلار ئالما مەھسۇلاتىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئالمىنىڭ تاۋارلىق نىسبىتىگە قاراش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتى. مېۋىسى چوڭ ھەم تەكشى، سىرتقى كۆرۈنۈشى ياخشى، تەمى ياخشى بولسا، بۇ، دەل ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان تاۋار مېۋىسىدۇر.

موۋ زۇڭباۋ:ئالما دەرىخىنىڭ چېچىكى تۆكۈلۈپ مېۋىلىگەندىن كېيىن، ھەربىر غۇژمەكتە بەش ـ ئالتە ياكى يەتتە ـ سەككىز تال ئالما بولىدۇ. تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىدىكى دەرەخلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر غۇژمەكتە مەيلى قانچە ئالما بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت ئەڭ چوڭ، ئەڭ ياخشىسىدىن بىرنىلا قالدۇرۇش كېرەك. ھازىر باغ ـ ئورمان باشقۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى، بىر غۇژمەك چۈشكەن ئالمىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى، شەكلى ئوخشاش بولسا، مېۋە شالاڭلاتقاندا باشقا ئورۇندا قالدۇرۇلغان ئالما بىلەن بولغان ئارىلىقنى ئويلىشىپ، ئىمكانقەدەر شامال ۋە يورۇقلۇق ئۆتۈشتۈرۈش كېرەك. دەرەخ يېشى بىرقەدەر قىسقا بولغان ئالما دەرىخىگە نىسبەتەن مېۋە شالاڭلاتقاندا ئالدى بىلەن ئالمىدىن ئىككىنى قالدۇرۇپ، بورانلىق ھاۋارايىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

موۋ زۇڭباۋ:مېۋە شالاڭلىتىش نوقۇل دېھقانچىلىق پائالىيىتى ئەمەس، مېۋىنى شالاڭلاتقاندىن كېيىن ئۇلاپلا مەھەللىۋى ئوغۇت بېرىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، شاخلىرىنى چاتاش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن مېۋىنى شالاڭلىتىش، بىر تەرەپتىن ئالما دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىش كېرەك. ھەربىر شاختىكى پۇتاقتا ئۆسۈپ چىققان ئىنچىكە كىچىك يېڭى شاخلارغا قارىتا، ئاجىزلىرىنى پۇتىۋېتىش، ساغلاملىرىنى تولغاپ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش كېرەك.