ساياھەتچى پىرقىرىغۇچ ئوينىماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئابلەت ئابلىمىت فوتوسى): قىش پەسلىدە، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدىكى قۇم كۆلى تەبىئىي مۇز مەيدانىغا ئايلاندى، نۇرغۇن ساياھەتچى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدى.
قېلىن مۇز ئۈستىدە، ساياھەتچىلەر پىرقىرىغۇچ ئوينىدى، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى مىندى، قىش پەسلىدىكى قۇملۇقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كۆڭۈللۈك دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزدى.