ھەيۋەتلىك سۇ پەردە ئۆڭكۈرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

日期:2021年01月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋچيەن خەۋىرى، فوتوسى): 2021-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى زېكتى بازىرى تۆمۈرلۈك مۇز پەردە ئۆڭكۈرىدە سۈرەتكە چۈشتى. زىمىستان قىشتا، سىرتنىڭ تېمېپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃15قا چۈشۈپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ زېكتى بازىرىغا جايلاشقان تۆمۈرلۈك سۇ پەردە ئۆڭكۈرى ھەيۋەتلىك مۇز پەردە ئۆڭكۈرىگە ئايلاندى، مۇز شارقىراتمىسى، قەۋەت-قەۋەتمۇزلار بىرىكىپ، چۆچەكلەردىكى مۇز دۇنياسىغا ئايلىنىپ،شۇ جايدىكى نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى تاماشا قىلىپ، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.