شىنجاڭلىق خەتتاتلار ئاساسىي قاتلامغا بىرىپ «بەخت»، مېھىر-مۇھەببەت ھەدىيە قىلدى

日期:2021年01月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىدىن كەلگەن خەتتاتلار ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بېيشىن يول-كۆۋرۈك گۇرۇھىغا بىرىپ، ئۇلارغا نەق مەيداندا چۇنليەن يېزىپ، بەخت ھەدىيە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كۈنى شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ «چۇنليەن ھەدىيە قىلىشنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتى باشلاندى. نەق مەيداندا، ئالتە خەتتات موي قەلەملىرىنى لەرزان ئوينىتىپ، كارخانىدىكىلەرگە چاغانلىق «بەخت» خېتى ۋە دۈيليەن يېزىپ بەردى، يەنە 1-سەپتىكى كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغانتىلىكىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى فاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020-يىلى بۇ جەمئىيەتتىكى خەتتاتلار 1-سەپتىكى كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە 300 مىڭ پارچە چۇنليەن ۋە «بەخت» خېتى ھەدىيە قىلغان، 2021-يىلى شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىدىكى خەتتاتلار يەنە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى نازارەت، ئىدارە-ئورگانۋە قىسىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدىكى ئورۇنلارغا بېرىپ،1-سەپتە ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەرگە «بەخت» خېتى ۋە چۇنليەن يېزىپ بېرىپ، يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئەڭ سەمىمىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزىدىكەن.

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىدىن كەلگەن خەتتاتلار كارخانىدىكى خادىملارغا چۇنليەن يېزىپ، «بەخت»ھەدىيە قىلدى.

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ ساڭ «بەخت» خېتىنى يازماقتا.