باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى: مۇز ئۈستىدە ئەركىن تاللاشنى ھېس قىلىش

日期:2021年01月18日
来源:天山网
【字体:

1-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا ئوينىماقتا.

چېڭ جىنجياڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا خەۋىرى): يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى ئېچىلدى، بۇ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىش پەسىللىك قار-مۇز ساياھىتىنىڭ ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەنزىرە رايونى «شىخەي قار-مۇز ساياھىتى . شادىمان باغراش سەپىرى»نى باش تېما قىلغان مول، رەڭدار مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قار-مۇز مەزگىلىدىكى ئىشىك بېلىتىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولدى.

داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدىكى تۈرلۈك مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى رەڭدار بولۇپ، تېز سۈرئەتلىك قار چەمبىرىكى، مالا چانىسى، مۇز ئۈستى ئەجدىھا قولۋىقى... قار-مۇز ساياھەت-كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ساياھەتچىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلىدى.

بۇ قىش پەسلىدە، باغراش ناھىيەسى تۇنجى قېتىم «شىخەي تۇلپىرى» ئۆرپ-ئادەت ئويۇن تۈرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى يولغا قويدى. شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلار رەڭگارەڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، «شىخەي تۇلپىرى»غا مىنىپ مۇز ئۈستىدە چېپىپ يۈرۈپ، بۇ يىللىق باغراش كۆلىدىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بۇ قېتىمقى قار-مۇز ساياھىتىدىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى. چوڭ كۆل يۈزىدە، نەچچە ئونلىغان ئۇچىسىغا چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغان قىزلار سەھنىدە مېڭىپ، تاماشىبىنلارغا مىللىي ئەنئەنىۋىكىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى نامايان قىلىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى ئۆزىگە خاس قار ۋە مۇزدىن ئىبارەت قوش بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە قىش پەسلىدىكى مۇۋاپىق ئۆي سىرتى تېمپېراتۇرىسىغا تايىنىپ، ئورۇن ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، قارلىق يەر موتوسىكلىتى، مۇز ئۈستى ئات چاپتۇرۇش قاتارلىق 30 نەچچە خىل قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، يەنە ئىت چانىسى، مۇز ئۈستىدە تۆگە مىنىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خاس قار-مۇز پائالىيىتى تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.