يۈزدىن ئارتۇق پۇقراۋى قونالغۇ نەنسەن ساياھىتىنى قىزىتىۋەتتى

日期:2021年01月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ) 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ نەنسەن مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، تاغ دەرياغا يانداشقان، سۈرەتتەك گۈزەل پۇقراۋى قونالغۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

2019-يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، ھازىرغىچە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 132 پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەت باشلىدى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش، دېھقان ئائىلىلىرى + تىجارەتچىلەر، دېھقان ئائىلىلىرى + شىركەت يۈرۈشتۈرۈش، دېھقان ئائىلىلىرى + كەنت، كوللېكتىپى + شىركەت يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى،نۆۋەتتە، «نەنسەن ياجى» «نەنپۇفاڭ» «چىسو» قاتارلىق تۈرلۈك پۇقراۋى قونالغۇلار نەنسەن مەنزىرە رايونىنى قىزىتىۋەتتى.

بۇ يىل، ئۈرۈمچى ناھىيەسى پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قار-مۇز ساياھەت رايونى بەرپا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نىشانى ئېنىق، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئورۇن بەلگىلىشى ئىلمىي، خاسلىقى روشەن بولغان پۇقراۋى قونالغۇ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى شەكىللەندۈردى. پۇقراۋى قونالغۇ ئەسلىھەلىرىنىڭ سەۋىيەسى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پۇقراۋى قونالغۇ ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تەدرىجىي تاكاممۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەنسەن مەنزىرە رايونىنىڭ «پۇقراۋى قونالغۇ ھېكايىسى»نى ياخشى سۆزلەپ، نەنسەن مەنزىرە رايونى ساياھىتىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.