تىيانشان تورى خەۋىرى: قىش پەسلىدىكى كېچە مەنزىرىسىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا كۆز يەتكۈسىز يۇلتۇز بولۇپلا قالماي، يەنە ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان قۇملۇق ۋە تاغ تىزمىلىرى بار.ساياھەتچىلەر بۇ يەردە «قولى بىلەن يۇلتۇز ئۈزۈش»تەك كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.