ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش

日期:2021年01月12日
来源:天山网
【字体:

سۈرەتتە: يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن يەن فوتوسى): 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى نەنسەن تېغىدىكى ھەر قايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، قار-مۇز ساياھىتىگە كۈچ قوشتى. ئالدىن كېلىشىش، ۋاقىت ئايرىش، ئېقىم چەكلەش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ھەپتە ئاخىرىدا كۈنىگە 1500 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.