باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى

日期:2021年01月12日
来源:天山网
【字体:

قىشلىق كۈن توختاش مەۋسۇمىگە كىرگەندىن كېيىن، باغراش كۆلى پۈتۈنلەي قار-مۇز ئۈستىدە مېڭىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، يېقىندا، باغراش ناھىيەسى «شىخەي قار-مۇز ساياھىتى . شادلىققا تولغان باغراش كۆلى سەپىرى»باش تېمىسىدىكى قىشلىق قار-مۇز ساياھىتى پائالىيىتىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە رەڭ قوشتى. 

بۇ يەردە، تېز سۈرئەتتە چاق تېيىلىش، مۇز ئۈستى قارلىق دالا سەپىرى، قار موتوسىكلىتى، مۇز ئۈستىدە ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش قاتارلىق 30 نەچچە تۈرلۈك قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانغۇچە ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛ ئات چانىسى، ئىت چانىسى، مۇز ئۈستىدە تۆگە مىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۆزگىچە قار-مۇز تۈرلىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ؛ ھورى چىقىپ تۇرغان «چەينەك بېلىق»، «چەينەك شورپىسى» قىشتىكى باغراش كۆلىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.

ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى خانىم مۇنداق دېدى: «ئاتا-ئانامنى ئېلىپ بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلدىم، قىشتىكى باغراش كۆلىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىمۇ مول ئىكەن، بۇ جاينىڭ <چەينەك بېلىق> مەززىلىك تائاملىرى كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىكەن».

كورلىلىق ساياھەتچى ياڭ ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل داخېكوۋ مەنزىرە رايونىغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، مەنزىرە رايونى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ، مەنزىرىسى تولىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرىپتۇ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن، بايىلا تېز سۈرئەتتە چاق تېيىلىش ئويۇنىنى ئويناپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم».

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۆت يۇلتۇزلۇق دېھقانلار ئارامگاھى «شىخەيلۇڭ بېلىقچىلىق كەنتى»نىڭ دىرېكتورى لۇ خۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «داخېكوۋ رايونى ئېچىلغاندىن بۇيان، بىزنىڭ سودىمىز بىردىنلا قىزىپ كەتتى، ئىلگىرىكى ساياھەتچىلەر ئېقىمىغا قارىغاندا ئادەم سانى خېلىلا كۆپەيدى. ئىلگىرى 11-ۋە 12-ئايلاردا سودا كاساتلىشاتتى، ھازىر ساياھەتچىلىك بىزنىڭ سودىمىزغا تۈرتكە بولدى».

ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش كۇلۇبىنىڭ خىزمەتچى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شۇ جايدىكى قىشنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدا بىكار قالغان تۆت دېھقان-چارۋىچىنى ياللىغان بولۇپ، بۈگۈن ئۇلار ئۆزلىرى مەشىق قىلدۇرغان ئون ئات ۋە ئۈچ تۆگىنى ئېلىپ كېلىپ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەمىنلىگەن بولۇپ، سودىسى ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن.

شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلار مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر شادلىققا چۆمۈپ، سودىگەرلەرنىڭ سودىسىمۇ قىزىپ كەتتى، قىشلىق ساياھەتمۇ جانلاندى، چاشقان يىلى كېتىپ كالا يىلى يېتىپ كەلدى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكى يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرى شى چياڭشېڭ)

مەنبە: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى