ناراتتىكى قار-مۇز دۇنياسى

日期:2021年01月11日
来源:天山网
【字体:

2021-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات يايلىقىنىڭ قىش مەنزىرىسى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر دەن باۋجيۇ خەۋىرى، فوتوسى): قەھرىتان سوغۇق كۈنلەردە، ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن نارات يايلىقىغا كەلگەندە، يىراقتىكى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدىكى تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى قارلىق دالىلاردا ئارغىماقلار بىلەن قوي-كالىلار ئوزۇق ئىزدەيدۇ، كۆز ئالدىمىزدىكى كۈنەس دەرياسى بويىدىكى يۇلغۇنلار قىپقىزىل نۇر چېچىپ، ئادەمنى گويا قار-مۇز بالىلار چۆچىكى دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.